ss ss ss ss

يېڭى نۇسخىدىكى فورد فوكىس ST ساياھەت نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
2016-01-16 02:07:31   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالى ئامېرىكا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، فورد ئورگان تەرەپ بايرىقى ئاستىدىكى پۈتۈنلەي يېڭى بولغان سىپورت ماشىنا تىپى فوكىس ST ساياھەت نۇسخىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، يېڭى ماشىنا ئادەتتىكى نۇسخا ST بىلەن ئوخشاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى قوللانغان، پەقەت مەشغۇلات قىلىش ۋە سىرتقى كۆرۈنىشىگە قارىتا مەخسۇس تەڭشەش ئېلىپ بارغان. يېڭى ماشىنا يەرشارىدا سېتىشقا يۈزلىنىدۇ، ئەمما جۇڭگو بازىرىغا كىرمەيدۇ. 


پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ST ساياھەت نۇسخىسى ئادەتتىكى نۇسخا ST بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ئالدى قىسىم سىرتقى كۆرۈنۈش لاھىيەسى ئىشلەتكەن، ئەڭ چوڭ ئوخشىماسلىقى قۇيرۇق قىسىمدا ئىپادىلەنگەن. قۇيرۇق قىسىمى ساياھەت نۇسخىسىنىڭ قىياپەت ئۇسلۇبىنى داۋاملاشتۇرغان، پەقەت قانات ۋە قىسمەن سىزىقچىسىنى تەڭشىگەن. ئىچكى بېزەك ئۇسلۇبىمۇ ئادەتتىكى نۇسخا ST بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان قىياپەتتىكى ئۆلچەش ئەسۋابى سۇپىسى بولسا يېڭى-كونا ئىككى نۇسخا ماشىنا تىپىنىڭ ئىچكى بېزەك لاھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرقلىنىدىغان قىسىمى. 

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى تەرەپتە، يېڭى نۇسخىدىكى ST ساياھەت نۇسخىسىغا ئىككى نۇسخا ئاپتوماتىك قوزغىتىش\توختىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ماتور سەپلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2.0T لىك دېزىل ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 136kW، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 400 ن.م. 0-100km/h تېزلىنىش ۋاقتى 8.1 سىكۇنىت، يۈز كىلومېتىرغا پەقەت 4.4 لىتىر ماي سەرپ قىلىدۇ. 2.0T لىك بېنزىن ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتى 184kW، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 360ن.م،  0-100km/h تېزلىنىش ۋاقتى 6.5 سىكۇنىت، يۈز كىلومېتىرغا پەقەت 6.8 لىتىر ماي سەرپ قىلىدۇ. ھەرىكەت ئۇزىتىشتا، ئىككىلا نۇسخىغا ئالتە خوتلۇق خول خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. 


ئالدىنقى مەزمۇن: يېنىكلىتىپ ياسالغان Caterham Seven 620S ئېلان قىلىندى
كېيىنكى مەزمۇن: 2015-يىلى سېتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان 20 خىل ئاپتوموبىل

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号