ss ss ss ss

Mazdaspeed نىڭ كۆپلىگەن يېڭى نۇسخىسى پەيدا بولدى
2016-01-07 01:39:23   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


مازدا ماركىسىنىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىق ماشىنا بۆلۈمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، Mazdaspeed ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت يېڭى مەھسۇلات چىقارمىدى، خۇشخەۋەر بولسا ئالدىنقى بىر قانچە كۈندە ياپونىيە توكيودىكى ماشىنا سالونى كۆرگەزمىسىدە، Mazdaspeed بىر قاتار ئەڭ يېڭى ماشىنا تىپىغا قارىتىلغان دەرىجە ئاشۇرۇش لاھىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 


MX-5، CX-3 ۋە atenza (ئاتېنزانىڭ چەتئەل نۇسخا ماشىنا تىپى) بۇ ئۈچ ماشىنا تىپى ھەرقايسىسىنىڭ ئىنچىكە بۆلۈنگەن بازىرىدا سىپورت ماركىسى ئاساس ئورۇندا تۇرىدۇ، Mazdaspeed زاپچاسلىرىنى دەرىجە ئاشۇرغاندىن كېيىن، كۆرۈش تۇيغۇسى ئۈنۈمىدە دەرۋەقە ئەسلىدىكى زاۋۇت نۇسخىسىدىكى ماشىنا تىپىدىن تېخىمۇ سىپورت تۇيغۇ ھازىرلىغان.


بىراق بۇ قېتىم Mazdaspeed كۆرسەتكەن ئەڭ يېڭى نەتىجىمۇ كىشلەرنىڭ ئازراق چۇقان سېلىشىدىن ساقلىنالمىدى، ئورگان تەرەپ ئىقتىدارى دەرىجە ئاشۇرۇلغان زاپچاسلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن لاھىيەنى تەمىنلىمىدى، چەتئەلدە تېخىمۇ كۆپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئۆزگەرتىلگەن نۇسخا لاھىيەگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، Mazdaspeed نۇسخىسىنىڭ MX-5 راستىنلا بەك كەمتەر بولدى.

ئالدىنقى مەزمۇن: بېنىز GLS مۇھىت ئاسراش تىزىملىكىدە پەيدا بولدى، 2016-يىلى ئېمپورت قىلىنىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: بۇگاتتى Chiron نىڭ ئىقتىدار ئۇچۇرى ئېلان قىلىندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号