ss ss ss ss

گۇاڭجۇ كۆرگەزمىسى: چېۋورلىد FNR ئۇقۇم ئاپتوموبىلى
2015-11-26 10:33:09   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


بۇ نۆۋەتلىك 2015-يىللىق گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە، ھەرخىل ماركىلار ھازىر بار بولغان ۋە كەلگۈسىدە چىقىرىدىغان نۇرغۇنلىغان ماشىنا تىپىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىدە كىشىنى جەلىپ قىلغان ماشىنا تىپىنىڭ بىرى چېۋورلىد FNR ئۇقۇم ئاپتوموبىلى.


چېۋورلىد FNR ئۇقۇم ئاپتوموبىلى بولسا ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلىكتىر ماتورلۇق ئاپتوموبىل، پان ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى لاھىيەگە يىتەكچىلىك قىلغان، چېۋورلىدنىڭ لاھىيە، قۇرۇلۇش ئېلىكتىرلاشتۇرۇش ئۆمىكى چېۋورلىد ماركىسى ئاساسىدا ئېلىكتىر ماتور تېخنىكىسى، ئەقلىي ئىقتىدار ئالاقە ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ياساپ چىققان ماشىنا.


بۇ ماشىنا ئىنتايىن ھېسسىياتچان ۋە كەلگۈسى تېخنىكا تۇيغۇسىغا ھازىرلىغان سىرتقى كۆرۈنۈشكە ئىگە، كاربون تالالىق بوشلۇق رامكا قۇرۇلمىسى، ھاۋا دىنامىكىسى سىرتقى شەكىلى، ئەگمە ئەينەك، كۈچلۈك لازىر نۇرلۇق چىراق، بالداقسىز چاق بۇلىلىق گېنراتور، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەش ياردەمچىسى سېستىمىسى قاتارلىق لاھىيەلەر ئۇنىڭ ئۆزگىچە سالاھىيىتىنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. 

چېۋورلىد ئۇقۇم ئاپتوموبىلى FNR يەنە بۇندىن ئىلگىرى فانتازىيەلىك فىلىمدە پەيدا بولغان نۇرغۇنلىغان مەۋھۇم ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، مەسلەن رەڭدار پەردە پەرقلەندۈرۈش سېستىمىسى ئارقىلىق ماشىنىنى قوزغىتىش، ماشىنىغا يۈكلەنگەن تاماشا ئەسلىھەسى قاتارلىق ئىجادى ئالاقە تېخنىكىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەيدەشنى رەسمىي ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئالدى رەت ئورۇندۇقنى 180 گرادۇس ئايلاندۇرۇپ تەڭشىگىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى مەزمۇن: لەمبورگىنى SUV ئاپتوموبىلى 2018-يىلى جۇڭگوغا ئېلىپ كىرىلىدىكەن
كېيىنكى مەزمۇن: لەمبورگىنى Huracan ۋە قارا رەڭلىك ماكلارىن 650S Spider قا Vossen

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号