ss ss ss ss

پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئېلەنترا تاسادىپىي ئاشكارىلاندى
2015-11-02 14:58:13   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


نۆۋەتتە پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئالتىنچى ئەۋلاد ئېلەنترانىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش سۈرىتى تاسادىپىي ئاشكارلاندى، بۇ قېتىم خىيۇنداي ئالدىن بىشارەت بەرمەيلا ئىلەنترا كورىيەدە رەسمىي پەيدا بولدى.

پۈتۈنلەي يېڭى بولغان خىيۇنداي ئېلەنترا (كورىيە شۇ جايدىكى ماشىنا نامى Avante) ئۇزۇن شەكىلگە مايىل بولغان باش چىراق، L شەكىللىك ئىككى يان ئېقىم باشلاش ئوقۇرى ھەم پەرقلەندۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئالتە تەرەپلىك ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ئىشلەتكەن، يېڭى ئېلەنترانىڭ سىرتقى شەكلى ئاۋانگارت بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ مودا بولۇپ ئۆزگەرگەن. 


ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ماشىنا تىپىغا سېلىشتۇرغاندا، ماشىنا گەۋدىسى ئۇزۇنلۇقى 20mm ئاشقان، ماشىنا گەۋدىسى كەڭلىكى 25mm چوڭايغان، شۈبھىسىزكى ماشىنا ئىچى بوشلۇقى ئاشقان، ماشىنا گەۋدىسى جازىسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان چىدامچانلىق ۋە قاتتىقلىققا ئىگە، شۇ سەۋەبتىن پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئېلەنترانىڭ ماشىنا گەۋدىسىنىڭ قاتتىقلىقى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ماشىنا تىپىدىن %32 يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 


ئاكتىپ بىخەتەر سەپلىمە قىسىمىدا، يېڭى ئېلەنتراغا AEB ئاپتوماتىك جىددىي تورمۇزلاش، HBA يىراقنى يورۇتۇش چىرىقى ياردەمچىسى، BSD غۇۋا نۇقتىنى كۆزىتىش ۋە RCTA ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇش ئاگاھلاندۇرۇش سېستىمىسى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى كىرگۈزۈپ، يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. باشقا سەپلىمىسى تەرەپتە، پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئېلەنتراغا IMS ئەستە ساقلاش ئورۇندۇق ئىقتىدارى ھەم يىراقتىن كونترول قىلىپ يۈك تاق ساندۇقىنى ئېچىش ئىقتىدارى يۈكلىگەن، تاماشا ئەسلىھەسىگە Harman سېستىمىسى ئىشلەتكەن ھەمدە سەككىز دانە ياڭراتقۇ ماسلاشتۇرغان.


پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئېلەنتراغا ئۈچ نۇسخا ماتور سېستىمىسى سەپلەنگەن، ئايرىم ئايرىم: 136hp/300N·m لىق 1.6 VGT دېزىل يېقىلغۇلۇق پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور، 132hp/161N·m لىق 1.6 GDi ئۆزلىكىدىن گاز سۈمۈرىدىغان ماتور ھەم 149hp/180N·m لىق 2.0 MPi Atkinson ماتور، پۈتۈن ماشىنا سېستىمىسىغا ئالتە خوتلۇق قول خوت ياكى ئاپتوماتىك خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ سەپلەنگەن، 1.6 VGT دېزىل ماتورلۇق تىپىدا يەتتە خوتلۇق قوش ئۇلىغۇچلۇق قول-ئاپتوماتىك خوت بىرگەۋدىلەشكەن سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ تەمىنلىگەن. خىيۇندار فرانكىفۇت ماشىنا كۆرگەزمىسىدىن كېيىن پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئېلەنترانى ياۋروپادا رەسمىي بازارغا سالىمىز، 11-ئايدا لوس ئانجىلىس ماشىنا كۆرگەزمىسىدە ئامېرىكا ئۆلچىمىدىكى ماشىنا تىپى چىقىدۇ، 2015-يىلى كورىيە بازىرىدىكى سېتىش نىشانى 50 مىڭ يۈرۈش، 2016-يىلى يەرشارى بازىرىدىكى سېتىش نىشانى 700 مىڭ يۈرۈش دەپ ئىپادە بىلدۈردى. 

ئالدىنقى مەزمۇن: پىكاپ سېتىۋالغاندىن كېيىن...
كېيىنكى مەزمۇن: خوندا (Honda) ئۇقۇم تىپىدىكى توكلۇق ئاپتوموبىلىنى نامايەن قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号