ss ss ss ss

تەتقىق قىلىپ ياساش تەننەرخى ئەڭ يۇقىرى ئاپتوموبىل- قىزىل بايراق H7
2015-10-03 11:43:45   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

نۇر تورى تەرجىمىسى: يېقىندا ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات مۇراسىمىدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان 1- ئاپتوموبىل قىزىل بايراق H7 تىپلىق پىكاپ ئاساسلىق ئاپتوموبىل تىپى بولۇپ، كۆزنىڭ يېغىنى يىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇ ئاپتوموبىل ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، قىزىل بايراق H7 نى ئەل ئارىسىدا ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ ......

 

1) قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىل 2008- يىلى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئەنگە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بۇنىڭ تەتقىق قىلىش ياساش خىراجىتى 10 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

 قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىل 1- ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل تىپى ھېسابلىنىدۇ. 1- ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىلگىرى دەبدەبىلىك ھالدا: «2008- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە، 1- ئاپتوموبىل شىركىتى تەتقىق قىلىش ياساشقا جەمئىي 22 مىليارد 340 مىليون يۈەن خىراجەت ئاجراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئاجرىتىلغان مەبلەغ 10 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ ......» دېگەنىدى.

 

2013- يىلىدىن بۇيان، 1- ئاپتوموبىل شىركىتى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قىزىل بايراق تىپلىق ئاپتوموبىلغا كۆپ قېتىم زور مەبلەغ سالدى، 2013- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، 1- ئاپتوموبىل شىركىتى يەنە 277 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 1- ئاپتوموبىل پاي گۇرۇھى بىلەن بىرلىكتە قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ......

 

2015- يىلى 3- ئايدا، 1- ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىگە بىر مىليارد 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىدىغانلىقى ئىگىلەندى.

 

2013- يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى، قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىل رەسمىي بازارغا سېلىندى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئۈچ خىل تىپى چىقىرىلدى، ئەمما ......

 

2) يوقالغان قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىل: يىللىق سېتىلىش مىقدارى ئاۋدىنىڭ بىر كۈنلۈك سېتىلىش مىقدارىغا تەڭ، 365 ھەسسە پەرق بار!

 

قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ 2013- يىللىق سېتىلىش مىقدارى: 2961 دانە (بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسىنى ھۆكۈمەت تارماقلىرى سېتىۋالغان)

 قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ 2014- يىللىق سېتىلىش مىقدارى: 2708 دانە (بۇنىڭ ئىچىدە شەخسلەر سېتىۋالغىنى %10 كىمۇ يەتمەيدۇ)

 قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ 2015- يىلى 1- ئايلىق سېتىلىش مىقدارى: 283 دانە

 قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ 2015- يىلى 2- ئايلىق سېتىلىش مىقدارى: 201 دانە

 قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ 2015- يىلى 1- ئايدىن 6- ئايغىچە سېتىلىش مىقدارى: 1777 دانە

 

2015- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلدىن 1777 دانە سېتىلدى، 1- ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇلار پۈتۈن يىللىق سېتىش ۋەزىپىسىنىڭ %61.3 تىنى ئورۇندىدى، ئەمما 1777 دانە دېگەن بۇ سان ئاۋدى شىركىتىنىڭ مەلۇم بىر تىپلىق ئاپتوموبىلىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىر كۈنلۈك سېتىلىش مىقدارى خالاس. بۇ، 1- ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ «ئاۋدى، تۇلپار، بېنز قاتارلىق خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلارغا بىۋاسىتە نەيزە تەڭلەيمىز، ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل بازىرىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن يۈرۈش قىلىمىز» دېگەن ئۇلۇغۋار نىشانىغا ھەقىقەتەن تولىمۇ يىراق ......

 

3) قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىل راستىنلا پۈتۈنلەي ئۆزىگە تايانغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھازىرلىغانمۇ؟

 ئالدى بىلەن ئاپتوموبىل ھۈنىرى ۋە تېخنىكىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت سىرتقى قىياپىتىدىن قارىغاندىمۇ، قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ 1- ئاپتوموبىل شىركىتى تونۇشتۇرغانغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ ......

بىرىنچىدىن، ئەمەلىيەتتە قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۇپىسى تويوتانىڭ خانتاجى تىپلىق ئاپتوموبىلىنى مەنبە قىلغان

 

ئىككىنچىدىن، پەقەت سىرتقى قىياپىتىدىن قارىغاندىلا، قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىل بازارغا سېلىنغان ھامانلا جۇڭگودىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەنقىدى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، چۈنكى قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ يۈز قىسمى ناھايىتى ئېنىقلا تويوتانىڭ خانتاجى تىپلىق ئاپتوموبىلىدىن كۆچۈرۈلگەن، قۇيرۇق قىسمى بولسا خۇددى نىسساننىڭ تېئانا تىپلىق ئاپتوموبىلىنى چاپلاپ قويغاندەكلا (قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈزى ۋە يان يۈزى ناھايىتى ئېنىقلا تويوتانىڭ كونا تىپلىق خانتاجى تىپلىق ئاپتوموبىلىدىن كۆچۈرۈلگەن، مەيلى 1- ئاپتوموبىل شىركىتىدىكىلەر نېمىلا دەپ چۈشەندۈرسۇن، ئامما قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنى ئېتىراپ قىلمىدى، مانا بۇ كۆچۈرمىچىلىككە ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى).

 

(قىزىل بايراق H7 تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ قۇيرۇق قىسمى نىسساننىڭ تېئانا تىپلىق ئاپتوموبىلىدىن بىۋاسىتە كۆچۈرۈلگەن)

ئالدىنقى مەزمۇن: ئامېرىكا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان تۆرە ماشىنا كۆرگەزمىسىدە كونىچە ئۇسلۇپ پەيدا بولدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئاپتوموبىللىرى ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئون دۆلەت

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号