ss ss ss ss

بىمار كېسەل ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن 120 مىڭ يۈەن ئىئانە پۇلنى قايتۇرۇپ بەردى
2015-09-06 17:59:02   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شەنشى باۋجىدىكى ئالىي مەكتەپ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان گۈيجۇلۇق قىز ۋاڭ يەن، بۇ يىل بېشىدا بەخىتسىزلەچە تۇيۇقسىز ئېغىر كېسەلگە گرىپتار بولۇپ قالدى.

بۇ ئائىلە ئەھۋالى قىيىن بولغان ئالىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، باۋجى شەھىرىدىكى خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشلەر بەس-بەستە ياردەم قولىنى سوزۇپ ئىئانە توپلاپ پۇل ئىئانە قىلدى، نەچچە ئايلىق داۋالاشتىن كېيىن ۋاڭ يەننىڭ كېسسىلى خەتەرلىك باسقۇچتىن بىخەتەر باسقۇچقا ئۆتتى، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، ۋاڭ يەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قايتا باۋجىغا كېلىپ، ئېشىپ قالغان 120 مىڭ يۈەن خەيرى-ساخاۋەت پۇلىنى ئاممىۋى خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتىغا قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولدى. 


ۋاڭ جىيەننىڭ ئائىلىسى گۈيجۇ ئۆلكىسى شىڭرېن ناھىيىسىدىكى يېزىدا تۇرىدۇ، ئاتا-ئانىسى دېھقان، ئۇنىڭ ئىككى سىڭلىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئاغرىپ قالغان ۋاڭ يەن بولسا ئۇنىڭ كىچىك سىڭلىسى. بۇ يىل 3-ئايدا، شەنشى باۋجى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدا 1-يىللىقتا ئوقۇيدىغان ۋاڭ يەن تۇيۇقسىز ئېغىر كېسەلگە گرىپتار بولۇپ دوختۇرخانىغا كىرگەن. ناھايىتى قىممەت بولغان داۋالىنىش راسخوتىغا يۈزلىنىپ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئۈمىدىنى ئۈزگەن، ئەكىسچە دەل مۇشۇ ۋاقىتتا باۋجىدىكى خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشلەر ۋاڭ يەننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى توردا ئېلان قىلغان، شۇندىن كېيىن خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى ئىئانە توپلاش پائالىيىتى قوزغىتىشقا باشلىغان. ۋاڭ يەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكىلەردىن 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە پۇلى تاپشۇرىۋالغان. 


ۋاڭ يەن كېيىن باۋجىدىن كۈنمىڭغا يۆتكىلىپ داۋالاش قوبۇل قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا كۈنمىڭ تىبىي ئۇنۋېرسىتىتى 1- تارماق دوختۇرخانىسىدا «سول چېكىسىدىن قان چىقىش خاراكتىرلىك مېڭە تىقىلمىسى» دەپ دىئاگىنوز قويۇلغان، دورا بىلەن داۋالاش قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ۋاڭ يەننىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا باشلىغان، بۇ يىل 7-ئايغا كەلگەندە كېسەللىك ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشقان، دوختۇرنىڭ تەكلىپى ئاستىدا ئۆيىگە قايتىپ دورا بىلەن داۋالىنىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئاكىسى ۋاڭ جىيەن ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئېشىپ قالغان 120 مىڭ يۈەن ئىئانە پۇلنى خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتىغا قايتۇرۇپ بېرىش، ئۇلارنىڭ تېىىمۇ كۆپ كىشلەرگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. 

ئالدىنقى مەزمۇن: پارتلاش ھادىسىسى نۇقتىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك باغچىدا خاتىرە مۇنارى ياسىلىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ئوغرىلىق قىلغانلار تۇتۇلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号