ss ss ss ss

Opelنىڭ ئەڭ يېڭى Insginia ئاپتوموبىلىنىڭ پەرەز سۈرىتى ئاشكارىلاندى
2017-01-22 11:39:53   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ماشىنا ئائىلىسىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Opelنىڭ ئەڭ يېڭى Insginia ئاپتوموبىلى بۇ يىل 3-ئايدا باشلىنىدىغان جەنۋە ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ، كەلگۈسىدە يەنە ساياھەت نۇسخىسى چىقىرىلىدۇ، ساھە ھالقىغان ئاپتوموبىلنىڭ بارغانسېرى موللىشىشىغا ئەگىشىپ، Opel كەلگۈسىدە يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد Insginia Country Tourer نۇسخىسىنى چىقىرىدۇ.

چەتئەل تاراتقۇلىرى باشلامچىلىق بىلەن ئەڭ يېڭى Insginia Country Tourerنىڭ پەرەز سۈرىتىنى سىزىپ چىقتى، بىز بۇ يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ Insginia نىڭ ساياھەت نۇسخىسى ئاساسىدا ياسالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئالدى بىخەتەرلىك لىمى، چاقى، يان كۆرۈنۈشى قاتارلىق ئورۇنلارغا بىردەك قارا رەڭلىك دېتاللار ئىشلىتىلگەن، قارىماققا ئازراق ساھە ھالقىغان تۈسكە ئىگە، ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ماشىنىنىڭ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ ئېگىزلىتىلىدۇ. 

يېڭى بىر ئەۋلاد nsginia Country Tourer


ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە چەت ئەل بازىرىدا كۆپ خىل دىزېل ماتور ۋە بېنزىن ماتور سەپلىنىدۇ، مەسىلەن: 1.5T ۋە 2.0T، ئۇنىڭدىن سىرت يېڭى ماشىنىغا بىر يۈرۈش تۆت چاق قوزغىلىش سىستېمىسى سەپلىنىشى مۇمكىن. 



ئالدىنقى مەزمۇن: BMWنىڭ ئەڭ يېڭى M760Li xDrive ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىندى
كېيىنكى مەزمۇن: تۈگىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号