ss ss ss ss

BMWنىڭ ئەڭ يېڭى M760Li xDrive ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىندى
2017-01-22 11:39:53   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى BMW پۈتۈنلەي يېڭى 7 يۈرۈشلۈك بايراقدار ئاپتوموبىل M760Li xDrive ئاپتوموبىلىنى دۆلەت ئىچىدە رەسمىي بازارغا سالدى، سېتىلىش باھاسى 2 مىليون 658 مىڭ يۈەن. بۇ ئاپتوموبىل نۆۋەتتە BMW جەمەتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئات كۈچىگە ئىگە ماتور سەپلەنگەن شۇنداقلا تىزلىنىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ئاپتوموبىل ھېسابلىنىدۇ. 

BMW جەمەتىنىڭ بايراقدار ئاپتوموبىلى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، 7 يۈرۈشلۈك 6-ئەۋلاد ئاپتوموبىل تىپى ئىچىدە ئاخىرى M ھەرپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل تىپى M760Li xDrive مەيدانغا كەلدى. باشقا ئاپتوموبىل تىپلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، M760Li xDriveنىڭ كۆرۈنۈشى تېخىمۇ ھەشەمەت بولۇپ، ئالدى ھاۋا كىرىش رېشاتكىسىغا چوڭ كۆلەمدە خىروم بېزەك ئىشلىتىلگەن، بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھاۋا كىرىش رېشاتكىسىغىمۇ پۈتۈنلەي يېڭىچە دولقۇنسىمان لايىھە قوللىنىلغان. 

يان تەرەپتىن قارىغاندا، يېڭى ئاپتوموبىلغا مەخسۇس خىرەلەشتۈرۈلگەن قارا سىر ئىشلىتىلگەن، پۈتۈنلەي يېڭىچە 20 دىيۇملۇق چاق كۇدىسى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆك رەڭلىك M تورمۇز قىسقۇچى كىشىگە تېخىمۇ باشقىچە تۇيغۇ بېرىدۇ. 

قۇيرۇق قىسمىغا قارايدىغان بولساق، ئىككى تەرەپتىكى تۆت گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىدىن باشقا، زاپاس ساندۇق ئىشىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە M760Li بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ BMW 7 يۈرۈشلۈك ئاپتوموبىللىرى دۇنياغا كەلگەن 40 يىلدىن بۇيان M بەلگىسىنىڭ تۇنجى قېتىم يېڭى ئاپتوموبىلدا كۆرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. 

ئىچكى بېزەك جەھەتتىن، M760Li xDriveنىڭ ئىقتىدارى ناھايىتى قالتىس بولۇپلا قالماي، ئىچكى بېزەكلىرىمۇ ناھايىتى ھەشەمەت، يېڭى ئاپتوموبىلغا BMWنىڭ تەنھەرىكەت تىپىدىكى ئاپتوموبىللىرىغا سەپلىنىدىغان ئۈچ بالداقلىق رول لايىھەسى قوللىنىلغان. 

سەپلىمە جەھەتتىن، BMW جەمەتىنىڭ بايراقدار ئاپتوموبىلى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ سەپلىمىلىرىمۇ ناھايىتى ئىلغار بولۇپ، ئۆزلۈكىدىن سۈرئەت بەلگىلەپ يول يۈرۈش سىستېمىسى، تورمۇز ياردەم سىستېمىسى، 3D كۆرۈنۈش، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك تەسۋىر، ئاپتوماتىك بۇرۇلۇش سىستېمىسى، قول ئىشارىسى ئارقىلىق كونترول قىلىش، ئۇۋۇلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئورۇندۇق، ئارقا رەت ئۈستىلى قاتارلىق سەپلىمىلەر سەپلەنگەن. 

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتىن، M760Li xDrive ئاپتوموبىلىغا 6.6L V12 قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى قۇۋۋىتى 609 ئات كۈچى، چوققا قىممەتتىكى تولغىنىش مومېنتى 800 نىيۇتون مېتىر. 

ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا 8 سۈرئەتلىك ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ سەپلەنگەن، بۇنىڭدىن سىرت M760Li xDrive يەنە V12 ماتور بىلەن تۆت چاغ قوزغىلىش سىستېمىسىنى ماسلاشتۇرغان تۇنجى پىكاپ بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىرغا يېتىشى ئۈچۈن پەقەت 3.7 سېكۇنت كېتىدۇ، شۇنداقلا تېزلىك ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان BMW ئاپتوموبىلى ھېسابلىنىدۇ.



ئالدىنقى مەزمۇن: ليېباۋ CT7 ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىندى
كېيىنكى مەزمۇن: Opelنىڭ ئەڭ يېڭى Insginia ئاپتوموبىلىنىڭ پەرەز سۈرىتى ئاشكارىلاندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号