ss ss ss ss

جۇڭگودىكى تۇنجى ماشىنا كىمنىڭ؟ تۇنجى شوپۇر كىم؟
2017-01-22 11:39:36   مەنبە:   كۆرۈلىشى:



كۈندە دېگۈدەك ماشىنىلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز، ئۇنداقتا جۇڭگودىكى تۇنجى ماشىنا كىمنىڭ؟ جۇڭگودىكى تۇنجى شوپۇر كىم؟


جۇڭگودىكى تۇنجى ماشىنا ھەم ئەڭ بۇرۇن ساقلانغان ماشىنا دەل سىشى تەيخۇنىڭ Duryea ماركىلىق ماشىنىسى، ھازىر بۇ ماشىنا بېيجىڭ يىخېيۈەن باغچىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ، ئاندا-ساندا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. 

بۇ ماشىنىنى يۈەن شىكەي 1901-يىلى شىياڭگاڭدىن سېتىۋېلىپ سىشى تەيخۇنىڭ 66 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغا قىلغان.

  


بۇ ماشىنا بېنىز ئەمەس، ئىلگىرى بېنىز دەپ خاتا ئۇچۇر تارقالغان ئەھۋاللار بولغان، ئەمەلىيەتتە بۇ ماشىنا ئامېرىكىنىڭ «ماشىنا ئاتىسى» دەپ تەرىپلىنىدىغان داڭلىق Duryea ماركىسىدىكى ماشىنا.

بۇ Duryea ماركىلىق ماشىنىنىڭ پەيدا بولۇشى جۇڭگودا ماشىنا بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن. يۈەن شىكەي بۇنى 1901-يىلى شىياڭگاڭدىن 10 مىڭ سەر كۈمۈشكە سېتىۋالغان، بۇ ھازىر قانچە پۇلغا باراۋەر كېلىدۇ؟ 113 يىل ئىلگىرى بىر سەر كۈمۈش ھازىرقى قانچە پۇلغا باراۋەر كېلىدۇ؟


 

Duryea قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئۇسۇلىدا ياسالغان، بۇ جۇڭگودىكى تۇنجى ماشىنا، گەرچە 113 يىل ئىلگىرى 10 مىڭ سەر كۈمۈشكە سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە پۇل خەجلەپ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، دېمەك ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك.

 


بۇ ماشىنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى سائىتىگە 19 كىلومېتىر.



سىشى تەيخۇ تۇنجى قېتىم بۇ ماشىنىنى كۆرگەن ۋاقىتتا گېرمانىيەلىك شوپۇر ھەيدىگەن، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگودا شوپۇر يوق ئىدى. تۇنجى قېتىم شوپۇر ماشىنىدىن چۈشكەن ۋاقىتتا سىشى تەيخۇ بۇ ماشىنىنى چۈشەنمەيتتى، ئۇ: «بۇ ماشىنا شۇنداق تېز يۈگۈرەيدىكەن، نۇرغۇن ئوت يەيدىغاندۇ؟» دېگەن. گېرمانىيەلىك شوپۇر: «ئۇ ئوت يىمەيدۇ، ماي يېقىلغۇ قىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. سىشى تەيخۇ چۈشەنمىگەن، ئەينى ۋاقىتتا مايغا قارىتا ھېچقانداق چۈشەنچە بولمىغان، كېيىن يۈەن شىكەي ۋە ماشىنىنى ھەيدىگەن چەتئەللىك شوپۇرغا نۇرغۇن زىبۇ-زىننەت ئىنئام قىلغان.


چەتئەللىكلەردىن سىرت، ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگودا ماشىنا ھەيدەشنى بىلىدىغانلار يوق بولغانلىقتىن، كېيىن شوپۇر قوبۇل قىلغان، سۈن فۇلىڭ ناھايىتى تېزلا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەنگەن ھەمدە سىشى تەيخۇنى دائىم ساياھەتكە ئېلىپ چىققان.

 


بىر قېتىم سىشى تەيخۇ تاماشا قىلىپ كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولغانلىقتىن شوپۇر سۈن فۇلىڭغا بىر رومكا گۈرۈچ ھارىقى بەرگەن، كېيىن سۈن فۇلىڭ مەست ھالدا ماشىنا ھەيدىگەن، ئويلىمىغان يەردىن ئالدىدا بىر ئاغۋات پەيدا بولغان، بۇ ۋاقىتتا سۈن فۇلىڭ نىمە قىلارىنى بىلمەي جىددىيچىلىكتە تورمۇزلايدىغان يەرنى تاپالماي، بۇ ئاغۋاتنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. بۇ ۋەقەمۇ جۇڭگو تارىخىغا كىرگۈزۈلگەن تۇنجى قېتىم ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەندىن كېيىنكى قاتناش ۋەقەسى خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.


سۈن فۇلىڭنى جۇڭگودىكى تۇنجى شوپۇر ھەم جۇڭگودىكى تۇنجى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇر دېيىشكە بولىدۇ.
كېيىن بەزىلەر شوپۇرنى سىشى تەيخۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرماسلىقىنى تىلغا ئالغان، شۇڭا شوپۇر دۈمچىيىپ ماشىنا ھەيدىگەن.

 


دۈمچىيىپ ماشىنا ھەيدىگەندىن كېيىن، سىشى تەيخۇ ماشىنا سۈرئىتىنىڭ ئىلگىرىكىدىن ئاستا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ سۈن فۇلىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغان. سۈن فۇلىڭ، چۈنكى دۈمچىيىپ ماشىنا ھەيدىگەندە تورمۇرنى دەسسەشكە ئامال بولمىغانلىقتىن، بىخەتەرلىك ئۈچۈن مۇشۇنداق ئاستا ھەيدىگەن دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان، پەقەتلا ماشىنا بۇزۇلۇپ قالدى دېگەن، ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم رېمونت قىلىشنى بىلمەيتتى، شۇڭا ماشىنا ساقلاپ قويۇلغان.





ئالدىنقى مەزمۇن: يېڭى نۇسخىدىكى باۋجۈن 730 ئاپتوموبىل تىپى رەسمىي بازارغا سېلىندى
كېيىنكى مەزمۇن: ليېباۋ CT7 ئاپتوموبىلى بازارغا سېلىندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号