ss ss ss ss

تېڭشۈن زور مەبلەغ سالغان ئاپتوموبىل شىركىتى نەنجىڭدا يېڭى زاۋۇت قۇرىدۇ
2017-01-22 11:39:22   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى توكلۇق ماشىنا شىركىتى Future Mobility يېقىندا 11 مىليارد 640 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نەنجىڭدا يېڭى زاۋۇت قۇرۇشنى پىلانلىغان. بۇ يېڭى زاۋۇت پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن يىلىغا 300 مىڭ دانە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ، ئەمما Future Mobility شىركىتى ھازىرچە  بۇ ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا قاچان يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان، پەقەت زاۋۇتنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىچكى 2019-يىلى پۈتىدىغانلىقىنى يىلىغا 150 مىڭ دانە ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇلاردىن باشقا Future Mobility شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار نەنجىڭدا زاۋۇت قۇرغاندىن كېيىن تۇنجى ماشىنىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. بۇ ماشىنا ساپ توكلۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق SUV تىپلىق ماشىنا بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 300 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن، مۆلچەرلىنىشچە 2019-يىلى ئاۋۋال جۇڭگو بازارلىرىغا سېلىنىپ، ئاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا پۈتۈن دۇنيا بازىرىغا يۈزلەندۈرۈلىدىكەن.

بىراق Future Mobility شىركىتى يەنە بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا يۈزلەنگەن. Future Mobility شىركىتى ئەمەلىيەتتە شياڭگاڭدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان شىركەت بولۇپ، پەردە ئارقىسىدىكى مەبلەغ سالغان شىركەتلەر بولسا تېڭشۈن، فۇشىكاڭ قاتارلىق شىركەتلەردۇر. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا مەبلەغنىڭ ئېقىشى قاتتىق كونترول قىلىنغاچقا، تېڭشۈن قاتارلىق مەبلەغ سالغۇچى شىركەتلەرنىڭ مەبلەغلىرى پىلان بويىچە Future Mobility شىركىتىنىڭ ھېساباتىغا كىرەلمىگەن. نۆۋەتتە Future Mobility شىركىتى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئامال قىلىپ بۇ مەبلەغنى تېزراق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

Future Mobility شىركىتىمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە قەد كۆتۈرۈپ چىققان يېڭىلىق يارتىش تىپىىدىكى ماشىنىسازلىق شىركىتى بولۇپ، ئاشكارا خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە Future Mobility شىركىتنىڭ بىر قسىم تەتقىقات ئەترىتى BMW i3 ۋە i8 توكلۇق ماشىنىسىنىڭ يادرولۇق تەتقىقات ئەترىتىدىن كەلگەن ئىكەن.




ئالدىنقى مەزمۇن: تېسلا «شەپىسىزلا» ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن توكلۇق ئاپتوموبىل چىقاردى
كېيىنكى مەزمۇن: نىسساننىڭ يېڭى Leaf ئاپتوموبىلىنىڭ پەرەز سۈرىتى ئاشكارىلاندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号