ss ss ss ss

تېسلا «شەپىسىزلا» ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن توكلۇق ئاپتوموبىل چىقاردى
2017-01-22 11:39:20   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېتا تورىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پەن-تېخنىكا ساھەسىدە ئەگەر كارخانا يېڭى مەھسۇلات چىقارماقچى ۋە كۆرگەزمە قىلماقچى بولسا، دائىم تەشۋىقات ئېلانلىرىنى چىقىرىپ يېتەرلىك دەرىجىدە خېرىدار توپلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلىدۇ، ئەمما تېسلا بۇ خىل دائىملىق ئۇسۇلنى ئىشلەتمىدى. 20-يانۋار تېسلانىڭ ئورگان تورىغا ئەڭ يېڭى Model S 100D قوشۇلدى، بۇ نۆۋەتتىكى يېڭى نۇسخىدىكى P100Dنىڭ مۇساپە ئۇزارتىلغان نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئاپتوموبىل دۇنيادىكى ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن توكلۇق ئاپتوموبىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە مۇشۇنداق مۇھىم بىر مەھسۇلاتنى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما تېسلا ئازراقنى شەپە چىقارمىدى. 

يېڭى نۇسخىدىكى Model S 100D ۋە Model X 100Dگە P100D بىلەن ئوخشاش بولغان باتارىيە گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، P100Dغا سېلىشتۇرغاندا 100Dنىڭ ئىقتىدار ۋە باتارىيە ئەۋزەللىكى ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن. بۇ ماشىنىنىڭ يۈز كىلومېتىرغا تېزلىنىش ۋاقتى 4.2 سېكونت، P100Dنىڭ ئەمەلىي سىناقتىكى يۈز كىلومېتىرغا تېزلىنىش ۋاقتى بولسا 2.389 سېكۇنت.

P100Dنىڭ ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى 315 مىل، يەنى تەخمىنەن 507 كىلومېتىر، 100Dنىڭ ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى بولسا 335 مىل، يەنى تەخمىنەن 539 كىلومېتىر. بۇ 100Dنى ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن دېگەن نامغا ئىگە قىلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى باھاسى بولۇپ، 100D ئاپتوموبىلى P100Dدىن كۆپ ئەرزان. P100Dنىڭ باشلىنىش باھاسى 130 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 893 مىڭ يۈەن)، 100Dنىڭ باشلىنىش باھاسى بولسا 95 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 653 مىڭ يۈەن). 



ئالدىنقى مەزمۇن: BMW يېڭى 520d ئاپتوموبىل تىپىنىڭ ئورگان تەرەپ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
كېيىنكى مەزمۇن: تېڭشۈن زور مەبلەغ سالغان ئاپتوموبىل شىركىتى نەنجىڭدا يېڭى زاۋۇت قۇرىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号