ss ss ss ss

جىنبېي دىياز ئاپتوموبىلى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى بازارغا سېلىنىدۇ
2016-12-26 10:03:38   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

نۆۋەتتە، ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جىنبېي دىياز ئاپتوموبىلى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئاۋال يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ 1.5Tلىقى بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ، ئالدىن سېتىلىش باھاسى 86 مىڭ 800 يۈەن بولىدىكەن. 1.6Tلىقى 2017-يىلى بازارغا سېلىنمايدىكەن. 

دىياز ئاپتوموبىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4745 مىللىمېتىر، 1856 مىللىمېتىر ۋە 1710مىللىمېتىر بولۇپ، ئوق ئارىلىقى 2725 مىللىمېتىر كېلىدىكەن. تاشقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى يۈز لايىھەسىنىڭ قىر-بۇلۇڭلىرى روشەن بولۇپ، كۆپ مىقداردا خىروم يالىتىلغان ۋە كۈمۈشرەڭ بېزەك ماتىرىياللار ئىشلىتىلگەن، يان تەرەپتىن قارىغاندا، قارا ۋە كۈمۈشرەك ئىككى خىل رەڭلىك ئاليۇمىن بۇل ۋە يۈك-تاق جازىسى ماسلاشتۇرۇلغان. ئاپتوموبىل قۇيرۇقىنىڭ لايىھەلىنىشى ئىخچام بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ۋە ئارقا تەرەپ ئاستى قىسمىغا قارا رەڭلىك سۈرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تاختىسى ئورنىتىلغان.

ئىچكى بېزىلىشى جەھەتتە، دىياز ئاپتوموبىلىغا سىممىتىرىك مەركىزى كونتىرول ئېكرانى ۋە ئىككى خىل رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان لايىھە قوللىنىلغان، كۆپ قىسىم جايلىرىغا كۈمۈشرەك بېزەك تاختا ئىشلىتىلىپ، ئۈچ بالداقلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول ماسلاشتۇرۇلغان. سەپلىمىسى جەھەتتە، يېڭى ئاپتوموبىلغا پۈتۈن تۇڭلۈك، LED كۈندۈزلۈك يۈرۈش چىرىغى، ئاپتوماتىك ئۈستى چىراغ، ئاچقۇچسىز كىرىش، بىر كۇنۇپكىدىن قوزغىتىش، ئارقىغا ياندۇرۇش رادارى، مۇقىم سۈرئەتتە يۈرۈش ، مەركىزى كونتىرول سۇپىسى كىرىستال ئېكرانى ۋە كۆكچىش قاتارلىق ئەمەلىي قوللىنىشچان سەپلىمىلەر سەپلەنگەن.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جەھەتتە، دىياز ئاپتوموبىلىغا 1.5Tلىق ۋە 1.6Tلىق ئىككى خىل نۇسخىدىكى ماتور سەپلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1.5Tلىق ماتورنىڭ قۇۋۋىتى 113 كىلوۋات، ئەڭ يۇقىرى تولغىنىش مومېنتى  220 نىيوتون/مېتىر بولۇپ، ئالتە خوتلۇق قول خوت تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان، 1.6Tلىق ماتورغا بولسا قوش تۇربىنىلىق بىۋاسىتە پۈركۈيدىغان ماتور لايىھەسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى قۇۋۋىتى 150 كىلوۋات، ئەڭ يۇقىرى تولغىنىش مومېنتى 280 نىيوتون/مېتىر ئىكەن.




ئالدىنقى مەزمۇن: «يېڭى سىتىۋ جوبىس» ئېلون ماسكنىڭ تېسلاسى بۇ 8 يىلنى قانداق ئۆتكۈزدى؟
كېيىنكى مەزمۇن: شەرق شامىلى نىسسان چىچېن T90 ئاپتوموبىلى 25-دېكابىر بازارغا سېلىنىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号