ss ss ss ss

بېنىز ئەڭ يېڭى G دەرىجىلىكى قاتتىق يول سىنىقى قىلىۋاتىدۇ
2016-10-28 16:22:46   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ۋاڭيى تورى ئاپتوموبىل قانىلى 27-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

يېڭى بىر ئەۋلاد بېنىز G دەرىجىلىكىنىڭ يول سىناق سۈرىتى بۇرۇن كۆپ قېتىم ئاشكارىلانغان ئىدى، چەتئەل مېدىيالىرى يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى بىر ئەۋلاد G دەرىجىلىكىنىڭ تەگلىك قۇرۇلما جەھەتلىرىگە ئومۇميۈلۈك دەرىجە كۆتۈرۈلگەن.

ئەڭ يېڭى سۇپىدا ياسالغان: يېنىكلەشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ دەرىجە كۆتۈرۈشى ماشىنىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەن، دالىدا قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماستىن، يەنە يېقىلغۇ ئىقتىسادچانلىقىنىمۇ ياخشىلىغان.
ھاۋا ئاسمىسى سەپلىنىشى مۇمكىن: ھاۋا ئاسمىسى ئىشلىتىلىپ ئاپتوموبىلنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىدار تەلىپى قاندۇرىلىدۇ، پەۋقۇلئاددە دالا يولى ئەھۋالىدا ھاۋا ئاسمىسى ماشىنىنىڭ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقنى يۇقىرى كۆتۈرتىدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا كونترول قىلىش ۋە مۇقىملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئىشەنچلىكلىكىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، قاتتىق يول سىنىقى كەم بولسا بولمايدۇ. 

گەرچە خەۋەرلەردە يېڭى بىر ئەۋلاد G دەرىجىلىكىگە يۈك كوزۇپى ئالماشتۇرۇلغان دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ئاشكارىلانغان سۈرىتى ۋە ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، كوزۇپسىز نۇسخسىىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىقتىدار ئىپادىسى تېخىمۇ تولۇق: AMG نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش 4.0L V8 قوش پىرقىرغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق موتور سەپلەنگەنلىكىنى بىلىمىز، بىراق تېخىمۇ يۇقىرى تەڭشەش ۋە تېخنىكىسىنى كۆتۈرۈش ئېھتىماللىقى بار.



ئالدىنقى مەزمۇن: ئەڭ يېڭى مېرسېدېس-AMG E63نىڭ ئورگان تەرەپ سۈرىتى ئېلان قىلىندى
كېيىنكى مەزمۇن: نىسسان تۇنجى نۇسخا پۈتۈن توكلۇق كۆچمە ئىشخانا ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号