ss ss ss ss

ۋولكىسۋاگېن Tiguanنىڭ يىپەك يولى نۇسخىسى بازارغا سېلىندى
2016-10-09 10:57:07   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

9-ئاينىڭ 29-كۈنى، شاڭخەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى ۋولكىسۋاگېن Tiguan ئاپتوموبىلىنىڭ يىپەك يولى نۇسخىسى رەسمىي بازارغا سېلىندى. بۇ قېتىم بۇ ماشىنىنىڭ ئىككى خىل 1.4T نۇسخىسى بازارغا سېلىنغان بولۇپ، سېتىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم 199800 يۈەن ۋە 225800 يۈەن. 

سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، بۇ ماشىنىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ھازىر سېتىلىۋاتقان ماشىنا تىپى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك. بۇ ماشىنىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىلىك نۇسخىسىغا كسېنون ئالدى چوڭ چىراغ ۋە ئىسلاش شەكلىدىكى ئارقا چىراغ سەپلەنگەن ھەمدە 17 ديۇملۇق ئاليۇمىن قېتىشمىسىدىن ياسالغان قاسقان ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالدى قانات تاختىسىنىڭ مەخسۇس بەلگىسى ۋە ماشىنا چاپلاق قەغىزىنى تاللاپ ئورنىتىشقا بولىدۇ. 

بۇ ماشىنىغا سەپلىمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن كسېنون چوڭ چىراغ، ئالدى رەت ئوتتۇرا تۇتقۇچ، ئارقا تەرەپ ئارقىغا ياندۇرۇش رادارى، تولۇق كۆرۈنۈشلۈك تۈڭلۈك، قوش رايونلۇق ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىقلار سەپلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ماشىنىنى ھازىرقى 1.8Tلىك ئۆرپ-ئادەت نۇسخىسى ۋە 1.8Tلىك راھەت نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا بىر قىسىم سەپلىمىلەر ئېلىۋېتىلگەن. 

ھەرىكەت كۈچى جەھەتتە، بۇ ماشىنىغا EA211 1.4TSI ماتور ئىشلىتىلگەن بولۇپ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 150 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 250 نيۇتون مېتىر؛ ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسى جەھەتتە، ئالتە خوتلۇق نەم قوش ئايرىغۇچلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ نۆۋەتتىكى ماشىنا تىپىغا سەپلەنگەن ئالتە خوتلۇق ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان. 



ئالدىنقى مەزمۇن: ئاپتوموبىل ئەينەك سۈرتكۈچىنىڭ مەينەتلىكى بۇ ئۈچ نۇقتىنى بىلمىگەنلىكىڭىزدە
كېيىنكى مەزمۇن: فورد ئاۋستىرالىيەدىكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى رەسمىي تاقىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号