ss ss ss ss

بۇگادىنىڭ ئەڭ يېڭى تۆت ئىشىكلىك پىكاۋىنىڭ ئۈنۈم سۈرىتى ئاشكارىلاندى
2016-08-06 22:06:15   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


تېڭشۈن تورى ئاپتوموبىل قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نۆۋەتتە، چەت ئەل تاراتقۇلىرى بۇگادى Chironنىڭ ئەڭ يېڭى تۆت ئىشىكلىك پىكاۋىنىڭ ئۈنۈم سۈرىتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە بۇ ماشىنىمۇ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. 

بۇگادىنىڭ Chiron ئەڭ يېڭى تۆت ئىشىكلىك پىكاۋىنىڭ ئۈنۈم رەسىمىى


2009-يىلى، بۇگادى 16C Galibier تىپلىق بىر تۆت ئىشىكلىك ئۇقۇم پىكاۋىنى چىقارغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇگادىنىڭ CEOسى ۋولفگاڭ دۇرخېمېر (Wolfgang Durheimer) بۇ ماشىنىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان، ئەمما دۇرخېمېر كېيىن ئاۋدىغا بېرىپ خىزمەت قىلغان بولغاچقا، بۇگادىنىڭ كېيىنكى ئەمەلدارى ۋولفگاڭ شرېبېر (Wolfgang Schreiber) بۇ پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان. نۆۋەتتە، دۇرخېمېرنىڭ بۇگادىنى قايتىدىن قولىغا ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ بۇ تۆت ئىشىكلىك پىكاپنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما بۇ ئىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. 

2009-يىلى، بۇگادى 16C Galibier تىپلىق بىر تۆت ئىشىكلىك ئۇقۇم پىكاۋىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان


ئاشكارىلغان ئەڭ يېڭى ئۈنۈم سۈرىتىدىن قارىغاندا، بۇگادى Chiron تۆت ئىشىكلىك پىكاۋىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى يەنىلا قۇيۇق جەمەت پۇرىقىغا ئىگە. ئەمما ماشىنا گەۋدىسىنىڭ ئۇزارتىلىشى ۋە ئارقا ئىشىكنىڭ كۆپەيتىلىشى شۈبھىسىزكى بۇ ماشىنىنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. 



ئالدىنقى مەزمۇن: بېك ئېكسېل 8-ئاۋغۇست ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: يېڭى نۇسخىدىكى ۋولۋو XC90 مۇشۇ (8-ئاي) ئاينىڭ ئاخىرى بازارغا سېلىنىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号