ss ss ss ss

تارىختىكى سۈرئىتى ئەڭ تېز يۈك ماشىنىسى، قوزغىلىش بىلەنلا ئاسفالىت يولمۇ ئېرىپ كېتىدۇ
2016-07-25 18:28:35   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىنسانىيەتنىڭ سۈرئەتكە بولغان قوغلىشىشى مەڭگۈ توختاپ قالغىنى يوق، سائەتلىك سۈرئىتى 450 كىلومېتىرغا يەتسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا تېز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشىدۇ. ئىنسانىيەت ئۈزلۈكسىز ئىجاد قىلماقتا، رەسىمدىكى بۇ يۈك ماشىنىسى ئامېرىكىنىڭ مەلۇم يېرىدە ياسالغان رېئاكتىپ ھەركەتلەندۈرگۈچلۈك ئەڭ تېز ئاپتوموبىل بولۇپ، سىلەر كۆرۈپ باققانمۇ؟ ئۇنداق بولسا جىددىيلەشمەي بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

بۇ يۈك ماشىنىسىنىڭ ئۈچ دانە رېئاكتىپ ماتورى بولۇپ، ھەر بىرى 1200 ئات كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مۇشۇنداق يېتەرلىك ئات كۈچى بولغاچقا، سۈرئەتمۇ ئىنتايىن تېز بولىدۇ، ئۇنىڭ سائەتلىك ئەڭ تېز سۈرئىتى 600 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ساننى كۆرگىنىڭىزدە ئۇنىڭ قانچىلىك تېز ماڭىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟

رەسىمدىكىسى بولسا بۇ ماشىنىنى ھەيدىگەن نەق مەيدان بولۇپ، تاماشىبىنلار لىق ئولتۇرغان مەيداندىن بىرمۇ بوش ئورۇن تاپقىلى بولمايدۇ.

ماتورنىڭ گۈمبۈرلىگەن ئاۋازى ۋە نۇر چاقناپ تۇرىدىغان يالقۇن ھەر بىر تاماشىبىننىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. گەرچە بۇ ماشىنىنىڭ سۈرئىتى بىردەملىك خۇشاللىق ئېلىپ كەلسىمۇ، كەلگۈسىدە كىشىلەر سۈرئىتى بۇنىڭدىنمۇ تېز ماشىنىنى ياساپ چىقىدۇ.



ئالدىنقى مەزمۇن: رۇسىيە AvtoVAZ ئاپتوموبىل زاۋۇتى
كېيىنكى مەزمۇن: 2020-يىلى 10 مىليون شوپۇرسىز ئاپتوموبىل يولغا چىقىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号