ss ss ss ss

باۋجۈن 560 نىڭ AMT تىپى بازارغا سېلىندى، باھاسى 87800 يۈەندىن 93800 يۈەنگىچە
2016-06-12 14:04:37   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، شاڭخەي ھەممىباب ۋۇلىڭ ئورگان تەرەپ، باۋجۈن 560 نىڭ AMT تىپى (ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول خوتلۇق) نى بازارغا سالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم بازارغا سېلىنغان يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىككى خىل تىپى بار بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 87800 يۈەندىن 93800 يۈەنگىچە. 

يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ياپونىيەنىڭ Aisin شىركىتىنىڭ بەش خوتلۇق AMT سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچى سەپلەنگەن بولۇپ، بۇندىن بۇرۇنقى قول خوتلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسى تېخىمۇ بېيىتىلغان. ئادەتتىكى ئەنئەنىچى قول خوت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچكە بىر يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرلىك كونترول قىلىنىدىغان پروگرامما قاچىلانغان، ئېلېكتىرلىك كونترول قىلىنىدىغان پروگرامما شوپۇرنىڭ خوت يۆتكىشى ۋە مۇفتا دەسسىشىگە ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، مۇفتا تەپكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، توختىماي خوت ئالماشتۇرۇش ئاۋارىچىلىكىمۇ تۈگىتىلگەن. بۇ خىل سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچنىڭ ئىقتىسادچىل/ھەرىكەت شەكلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئالماشتۇرۇش شەكلى بولۇپ، ھەرىكەت كۈچى جەھەتتىن، بۇ ئاپتوموبىلغا يەنىلا 1.8L ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ يۇقىرى قۇۋۋىتى 137 ئات كۈچى. 

باۋجۈن 560 نىڭ AMT تىپىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئادەتتىكى قول خوتلۇق تىپى بىلەن بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، ئىچكى بوشلۇقىمۇ بۇندىن بۇرۇنقى يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋارىسلىق قىلغان. 

باۋجۈن 560 نىڭ AMT تىپلىق ئاپتوموبىلى كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، ئىستېمالچىلارنىڭ بىر تاللىشى كۆپەيگەن. باھا جەھەتتىن بولسا، ئەسلىدىكى قول خوتلۇققا قارىغاندا پەقەت 3000 يۈەن قوشۇلغان بولۇپ، 100 مىڭ يۈەن ئىچىدىكى SUV سېتىۋالماقچى بولغان ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، شاڭخەي ھەممىباب ۋۇلىڭ شىركىتىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە، باۋجۈن 560 AMT تىپىنى ئىشلەپچىقىرىش ھەرگىزمۇ نۆۋەتتە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئاپتوماتىك خوتلۇقى يوق بولۇش بوشلۇقىنى تولدۇرۇش بولماستىن (DCT ماتور سەپلىنىدىغان باۋجۈن 560 تەتقىق قىلىنىۋېتىپتۇ)، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىشكە قولايلىق يارىتىش ئىكەن ھەمدە تەننەرخى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان 560 AMT ئاپتوموبىلى تەدرىجىي ھالدا ئەسلىدىكى قول خوتلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن. بۇ خىل ستراتېگىيەدە ھەم پۇرسەت ھەم خىرىس مەۋجۇت بولۇپ، ئەمەلگە ئېشىش ئاشماسلىقىغا بازار ئەڭ ياخشى جاۋاب بېرەلەيدۇ. 



ئالدىنقى مەزمۇن: سىرتنىڭ پىراۋىسىنى ئۈرۈمچىدە ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ؟
كېيىنكى مەزمۇن: چۇڭچىڭ ئاپتوموبىل سانائىتى يەرمەنكىسى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号