ss ss ss ss

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى 708hp قا يېتىدىغان مېرسىدېس-بېنز AMG S63 Coupe
2016-06-15 10:37:56   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇن ماشىنا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە مېرسىدېس-بېنزنىڭ كۆپ ساندىكى ئاپتوموبىل تىپلىرى ھەشەمەتلىك ۋە راھەت بولۇشنى ئاساس قىلىپ كەلگەنىدى. بىراق مېرسىدېس-بېنزمۇ ئاز بولمىغان ئىقتىدارلىق ماشىنىلارنى چىقاردى. مېرسىدېس-بېنز S63 AMG Coupe دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. مېرسىدېس-بېنز شىركىتى بۇ ئاپتوموبىل تىپىدا ھەشەمەت ۋە سۈرئەتنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن. بىراق Renntech قايتىدىن قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى مېرسىدېس-بېنز S63 AMG Coupe نىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىقتىدارىدىن ئانچە رازى ئەمەس. شۇڭا ئۇ ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن يۈرۈشلۈك دېتالىنى ياساپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىقتىدارىنى كىشنى تاڭ قالدۇرىدىغان 708hp قا يەتكۈزگەن. 

  تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە Renntech قايتىدىن قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى S63 تىپىغا چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن. بىراق ماشىنا بېشىنىڭ ئاستىدىكى ھاۋا ئېقىمىنى توسۇش تاختىسى ۋە يان ئېتەك، قۇيرۇق قانات، ھاۋا ئېقىمىنى ئۆلچىگۈچ قاتارلىق ئورۇنلارنى قارا رەڭلىك سىردا بېزىگەن ھەمدە كۈمۈش كۈلرەڭلىك ماشىنا گەۋدىسىگە قارا رەڭلىك ئىزنا سۇۋاق بېزىكى ماسلاشتۇرۇلغان.  ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتوموبىل بەلگىسىگە ئىسلاپ بىر تەرەپ قىلىش قوللىنىلغان بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن مۇكەممەل كۆرۈنىدۇ. 

  مېرسىدېس-بېنز S63 AMG Coupe غا 5.5Lلىق V8 قوش تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلەنگەن. بىراق Renntech زاۋۇتىنىڭ تەڭشىشىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ زاۋۇتىدىن چىققان گاز چىقرىش سىستېمىسغا ئالماشتۇرۇلغان. يەنە ECUنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئىلگىرىكى ئەڭ چوڭ ئات كۈچى 585Ps ۋە ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 900Nm غا سېلىشتۇرغاندا، قايتىدىن ئۆزگەرتىلگەن S63 AMG Coupeنىڭ قۇۋۋىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 708 ئات كۈچىگە ۋە ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 1138Nm غا يەتكۈزۈلگەن. ماتور بىلەن ماسلاشتۇرۇلغىنى بولسا speedshift mct7 خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ. 

三叉星发威!动力高达708hp奔驰AMG S63 Coupe

三叉星发威!动力高达708hp奔驰AMG S63 Coupe

三叉星发威!动力高达708hp奔驰AMG S63 Coupe

三叉星发威!动力高达708hp奔驰AMG S63 Coupe

三叉星发威!动力高达708hp奔驰AMG S63 Coupe

三叉星发威!动力高达708hp奔驰AMG S63 Coupe

三叉星发威!动力高达708hp奔驰AMG S63 Coupe

三叉星发威!动力高达708hp奔驰AMG S63 Coupe



ئالدىنقى مەزمۇن: دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت 13 خىل ماشىنا
كېيىنكى مەزمۇن: ئىندىئان ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن لەمبورگىنى LP700-4Roadster

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号