ss ss ss ss

BMW ئېھتىمال ئىككى خىل Gran Coupe ماشىنا تىپى چىقىرىشى مۇمكىن
2016-06-09 14:02:12   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بۈگۈنكى باش تېما تورى 7-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، BMW ئېھتىمال 2 يۈرۈشلۈكىدىكى Gran Coupe ۋە M2 Gran Coupe تىپىنى چىقىرىشى، ئىككى نۇسخا يېڭى ماشىنىدا تۆت ئىشىكلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قوللىنىشى ھەمدە ئەڭ تېز بولغاندا 2019-يىلى ئىچىدە رەسمىي چىقىرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىلگىرى 3 يۈرۈشلۈكى ۋە 5 يۈرۈشلۈكىدىكى GT ماشىنا تىپىنى چىقارغانلىقتىن، 4 يۈرۈشلۈكى ۋە 6 يۈرۈشلۈكدىكى Gran Coupe نى چىقارغان، تاق-جۈپ قانۇنىيىتى ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى 2 يۈرۈشلىكىدىكى Gran Coupe تىپى ئىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، 2 يۈرۈشلۈكىدىكى Gran Coupe تىپىدا ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئارقا چاق قوزغىتىش ئورۇنلاشتۇرىشى قوللىنىشى مۇمكىنكەن، ئوق ئارىلىقى ئىپادىسى 2 يۈرۈشلۈكىدىكى Coupe بىلەن 3 يۈرۈشلۈكى ئارىسىدا بولۇپ، 2690mm-2810mm غا يېتىدىكەن. M2 Gran Coupe جەھەتتە، ئوق ئارىلىقى ۋە ماشىنا ئىشىكى سانى ھازىرقى M2 بىلەن ئازراق پەرقلىنىشى مۇمكىن، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جەھەتتە ھازىرقى M2 دىكى 3.0Tلىق ماتورنى ئىشلىتىدۇ. 



ئالدىنقى مەزمۇن: بۇگاتتىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى Vision GT ئاپتوموبىل تىپى ۋېيرون تىپىنى بېسىپ چۈشتى
كېيىنكى مەزمۇن: ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد نىسسان Juke نىڭ مۆلچەر سۈرىتى ئاشكارىلاندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号