ss ss ss ss

دۇنيادىكى قىممىتى ئەڭ تېز چۈشۈپ كېتىدىغان بەش خىل ئاپتوموبىل
2016-06-09 14:01:44   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


     1-خىلى: BMW 5 يۈرۈشلۈك ئاپتوموبىللىرى، بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىللار قىممىتىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %46، بۇ خىلدىكى ئوتتۇرا ۋە چوڭ تىپتىكى پىكاپلارغا 2.0 لېتىرلىق تۇربىنا بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسى رازمېرى 5055*1860*1491 مىللىمېتىر. قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى بولسا- ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزىدە نۇرغۇن مەسىللەر ساقلانغان، مەسىلەن ماتورنىڭ شاۋقۇنى زىيادە يۇقىرى بولۇش، ئاپتولنى بەكرەك كۆيدۈرۋېتىش قاتارلىقلار.

     450 مىڭ يۈەنلىك BMW 5 يۈرۈشلۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىچكى بېزىلىشى نىسبەتەن ھەشەمەتلىك، مەركىزىي كونترول سۇپىسى قارىماققا نسبەتەن ئازادە بولۇپ، خروم ماتېرىياللار بىلەن بېزەلگەندىن كېيىنكى كونترول سۇپىسى ۋە رولى كىشىگە خېلى ياخشى تەسىر بېرىدۇ، ئەمما قىممىتى ھەقىقەتەن ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدۇ. 

     2-خىلى: مازىدا 6 ئاپتوموبىلى، بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %52، بۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى 130 مىڭ يۈەن، 2.0 لېتىرلىق تەبىئىي ھاۋا سۈمۈرىدىغان ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسى رازمېرى 4670*1780*1435 مىللىمېتىر، بوشلۇقى نسبەتەن چوڭ، ئەمما ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى بولسا چاقىنىڭ شاۋقۇنى كۈچلۈكرەك، جازىسى قاتتىقراق، ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى يېتەرسىز بولۇش قاتارلىقلار.

    مازىدا 6 ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچكى بېزىلىشنى پەقەت ئادەتتىكىچە دېيىشكە بولىدۇ، ئىچكى بېزەكلىرىنىڭ كۆپ قىسىمىغا سۇلياۋ ماتېرىياللار ئىشلىتىلگەن، ھەقىقىي خروم ئورۇندۇقى ئادەمگە ئانچە-مۇنچە ھەشەمەت تۇيغۇسى بېرىدۇ، بۇ خىل ئاپتوموبىل مەركىزىي كونترول سۇپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى نىسبەتەن مۇۋاپىق ھېسابلىنىدۇ، مەشغۇلات قىلىشقا نىسبەتەن ئەپلىك.

     3-خىلى: كىيا كادېنزا ئاپتوموبىلى، بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %57، بۇ خىل ئوتتۇرا چوڭ تىپتىكى ئىمپورت قىلىنغان پىكاپقا 2.4 لېتىرلىق تەبىئىي ھاۋا سۈمۈرىدىغان ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىل گەۋدىسى رازمېرى 4970*1850*1475 مىللىمېتىر، ئادەتتىكى بەش كىشىلىك ماشىنا بولۇپ، قارىماققا بوشلۇقى ھەر ھالدا بولىدۇ، قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى: ئۇششاق مەسىلىلىرى ناھايىتى كۆپ، ماركا رىقابىتى ھەمدە مەھسۇلات ئومۇمىي گەۋدىسى جەھەتتىكى ئىپادىسى نىسبەتەن ناچار، چۈشۈش قىممىتى چوڭ. 

     بۇ خىلدىكى 240 مىڭ يۈەنلىك ئىمپورت كىيا پىكاپىنىڭ ئىچكى بېزىلىشى ناھايىتى ياخشى، قارىماققا نەپىس كۆرۈنىدىغان ئورۇندۇقىغا ئىخچام سىپتا مەركىزىي كونترول سۇپىسى قوشۇلۇپ خېلى كۆركەم تۇيغۇ بېرىدۇ، ھەيدەشكە قولايلىق، بىخەتەرلىكى ياخشى.

     4-خىلى: پىگوت 508 ئاپتوموبىلى، بۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %62، 1.6 لېتىرلىق تۇربىنا بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن، ماي سەرپىياتى تۆۋەن، بوشلۇقى ناھايىتى چوڭ، رازمېرى 4286*1855*1465مىللىمېتىر، سىرتقى قىياپىتىدىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، قىممىتىنىڭ چۈشۈش سەۋەبى: قوزغالغاندىكى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى ئانچە يېتەرلىك ئەمەس، سۈرئەت ئاشۇرۇشىمۇ ئاستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتول سەرپىياتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى.

     بۇ مۇشۇ پىگوت 508 ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچكى بېزىلىشى بولۇپ، ئومۇمىي گەۋدىسىگە قارىغاندا ھەر ھالدا بولىدۇ، ئەمما قاراشقا ئادەتتىكىچە، بوشلۇقى چوڭ، مەركىزىي كونترول سۇپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ ناھايىتى مۇۋاپىق، ئەمما سەل ئاددىي بولۇپ قالغان.

     5-خىلى: يېڭى فورد موندېئو (Ford Mondeo) ئاپتوموبىلى، بۇ خىل ئوتتۇرا تىپلىق ئاپتوموبىلغا 1.5 لېتىرلىق تۇربىنا بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور سەپلەنگەن، بوشلۇقى نىسبەتەن چوڭ، ئاپتوموبىل سىزىقچىلىرى ناھايىتى چىرايلىق، ئەمما سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسىدىن غەيرى ئاۋاز چىقىش، ماشىنا سىرتقى كۆرۈنۈشى سەل قوپال، يوچۇقلىرى چوڭراق،ماي سەرپىياتىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولۇشتەك مەسىلىلىرى تەكشۈرۈپ چىقىلغان. قىممىتىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %59.

     180 مىڭ يۈەنلىك موندېئونىڭ ئىچكى بېزىلىشى قارىماققا ئىنتايىن چىرايلىق، باھاسىمۇ دىتىمىزغا ياقىدۇ، ئەگەر قوزغىلىش مەسىلىسىنى ياخشىلىۋەتكەن بولسا تېخىمۇ قالتىس بۇلاتتى.



ئالدىنقى مەزمۇن: ئەڭ يېڭى لېكساس CT نىڭ مۆلچەر سۈرىتى ئاشكارلاندى
كېيىنكى مەزمۇن: ئاۋدى RS 6 Avant جۇڭگو پورتىغا يېتىپ كەلدى، ئىيۇلدا بازارغا سېلىنىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号