ss ss ss ss

ماسك تېسلانىڭ تۇنجى توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ «پۈتۈنلەي بىخەتەر ئەمەس» لىكىنى ئېتىراپ قىلدى
2016-06-03 15:56:32   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

Business Insider تورى 1-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېسلا Model S توكلۇق ئاپتوموبىلى سىناق قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. لېكىن، تېسلا شىركىتى ئېلېكتر ماتورلۇق ئاپتوموبىل بازىرىغا يۈرۈش قىلىپ چىقارغان تۇنجى مەھسۇلاتى Roadster دە بىر قىسىم مەسىلىلەر مەۋجۇت.

تېسلانىڭ CEOسى ئېلون ماسك بىرىنچى ئەۋلاد Roadster نىڭ «پۈتۈنلەي بىخەتەر ئەمەس»لىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

31-ماي ئۆتكۈزۈلگەن تېسلانىڭ يىللىق پايچېكلار يىغىنىدا، ماسك تېسلانىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى جاپالىق يولىنى ئەسلەپ ئۆتتى. Roadster ئاپتوموبىلى 2008-يىلىدىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلىغان، مۇسابىقە ئاپتوموبىلى زاۋۇتى لوتۇس (Lotus) ئىشلەپچىقارغان تەگلىكنى قوللانغان.

ماسىك بىلدۈرۈپ: «گەرچە بارلىق باشقۇرۇش تەلىپىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي بىخەتەر ئەمەس» دېدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئاپتوموبىلدا دائىم كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئىككىنچى خوتىدا ئاسانلا قىسىلىپ قېلىش كۆرۈلىدىكەن.

ماسكنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، بىر يىل ئىچىدە تېسلا بۇ ئاپتوموبىلنى «تەلتۆكۈس قايتىدىن لايىھەلەپ» چىققان. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ ئىقتىدارى ياخشىلانغان ھەمدە ئەڭ ئاخىرى پايدا ياراتقان. 



ئالدىنقى مەزمۇن: كلاسسىك كىنولاردىكى كلاسسىك ئاپتوموبىل تىپلىرى-كىنو فىلىمى «ئاتامان 1» دىكى تۆرە ماشىنىلار
كېيىنكى مەزمۇن: كلاسسىك كىنولاردىكى كلاسسىك ئاپتوموبىل تىپلىرى: «ئاتامان 2»دىكى مۆتىۋەر ماشىنىلار

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号