ss ss ss ss

مودا ۋە تەنھەرىكەتنىڭ بىرىكمىسى: كوچا ئۇسلۇبىدىكى ۋولكىسۋاگېن قوڭغۇز پىكاپ
2016-05-10 13:45:02   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

يېقىنقى مەزگىلدە مودا كوچا ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشتۇرۇش دولقۇنىدا، بىر نۇسخا ماشىنا قوغلىشىشىغا ئېرىشكەن ماشىنا تىپى بار بولدى، ئۇ ئوماق ئەپچىل، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى چوڭ. ئۇ كەڭ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ماشىنا ھەۋەسكارلىرى ۋولكىسۋاگېن Scirocco دىن كېيىن تاللىغان باشقا بىر نۇسخا مودا ماشىنا. ئۇ نەچچە ئون يىللىق تارىخقا ئىگە، ۋولكىسۋاگېن قوڭغۇز پىكاپى.


گېرمانىيەنىڭ KBR ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى، بۇ قوڭغۇز پىكاپنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىنى ئانچە چوڭ ئۆزگەرتمىگەن، ئەپچىللىك بىلەن ئۇنىڭ يۇمىلاق ئوماق قىياپىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن.

تەگلىكنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشقا نىسبەتەن، كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. ئېنژىنېر بۇ مودا كوچا ماشىنىسى ئۈچۈن HR ماركىسىدىكى تىترەشنى پەسەيتكۈچنى تاللاپ ئىشلەتكەن. ئەمما ئېنژىنېر ماشىنا گەۋدىسىنىڭ مۇكەممەل ئېگىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاھىدە مەقسەتتە پۇرژۇنا ماسلاشتۇرغان. چاق بۇلىغا Oxigin ماركىسىدىكى 20 دىيۇملۇق سوقۇلغان نۇسخىنى تاللاپ، مودا ئۇسلۇبنى گەۋدىلەندۈرگەن.



ئىچكى بېزىكىنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلىشىمۇ كوچا ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشقان، ئالدى ئىككى ئورۇندۇققا RECARO ماركىسىدىكى تەنھەرىكەت نۇسخىسىنى تاللاپ، ئورىلىشچانلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە گۈزەللىكىنى ئاشۇرغان.

مۇشۇنداق بولۇپلا قالماستىن، ئېنژىنېر يەنە بۇ قوڭغۇز پىكاپ ئۈچۈن ئاۋاز ياڭراتقۇ سىستېمىسى ئورناتقان، ئەپچىللىك بىلەن ئىش قوشۇش بۇ ماشىنىنى قارىماققا ئىنتايىن ھەشەمەتلىك كۆرسەتكەن. 



ناۋادا سىز بۇ ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشنى مۇكەممەل بولغان كوچا ماشىنىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش مىسالى دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا خاتالاشقان بولىسىز. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسىنىمۇ ئاجىز دەپ قاراشقا بولمايدۇ، ۋولكىسۋاگېننىڭ تۈز ياتقۇزۇلغان تۆت سىلىندىرلىق پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتورىدىن ھەممە ئادەم خەۋەردار دېيىشكە بولىدۇ. ئېنژىنېر ئۇنىڭ ئۈچۈن سوغۇق ھاۋا كىرىش سىستېمىسى ۋە ئىككى تەرىپىدە جەمئىي ئىككىدىن چىقىدىغان گاز چىقىرىش تۇربىسى سىسېمىسى ئالماشتۇرغان، ئەڭ ئاخىرىدا كومپيۇتېر پروگراممىسىدا ماسلاشتۇرۇش ئاستىدا 265 ئات كۈچىلىك ئەڭ چوڭ قۇۋۋەتكە ئېرىشكەن. 





ئالدىنقى مەزمۇن: ھەشەمەت بىلەن سەنئەتنىڭ بىرلەشمىسى: ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان 900 ئات كۈچلۈك فارارى 488 GTB
كېيىنكى مەزمۇن: پورسچى پۈتۈنلەي يېڭى V8 ماتورنى ئېلان قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号