ss ss ss ss

BMW X4 M40i رەسمىي بازارغا سېلىندى، باھاسى 774 مىڭ يۈەن
2016-04-27 14:33:33   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


BMW X4 M40i رەسمىي بازارغا سېلىندى، باھاسى 774 مىڭ يۈەن. يېڭى ماشىنىنىڭ ئورنى يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئوتتۇرا تىپلىق SUV تىپى، تۇنجى قېتىم 2016-يىللىق دىترويىت ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە پەيدا بولغان. يېڭى ماشىنىغا ھازىرقى X4 ئاساسىدا BMW M نىڭ سىپورت زاپچىسى قوشۇلغان، ئاسما جازا ۋە تورمۇز سىستېمىسىمۇ قايتىدىن تەڭشەلگەن.



سىرتقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە، BMW X4 M40i غا ھازىرقى نۇسخا X4 ئاساسىدا BMW M Performance نىڭ سىپورت زاپچىسى سەپلەنگەن، يېڭى ماشىنىنىڭ ئومۇمى كۆرۈنۈشى ئىنتايىن ھېسسىياتچان كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە، M جەمەتى ئىگە بولغان ھەرخىل M بەلگىسىمۇ ماشىنىغا قوشۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ماشىنىغا يەنە زاكاس ياسالغان 19 دىيۇملۇق چاق بۇلى سەپلەنگەن. ماشىنا قۇيرۇقىدىكى M40i بەلگىسىمۇ بۇ ماشىنىنىڭ سالاھىيىتى گەۋدىلەندۈرگەن. ئارقا بىخەتەرلىك لىمىمۇ ئادەتتىكى نۇسخا ماشىنا تىپىدىن تېخىمۇ ھېسسىياتچان، بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ماشىنىنىڭ قۇيرۇق چىرىقىدا LED نۇر مەنبەسى ئىشلەتكەن، ئىككى تەرەپتىن چىقىدىغان گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى لايىھەسى قوللانغان.



ئىچكى بېزەك جەھەتتە، X4 M40i نى ئادەتتىكى نۇسخا ماشىنا تىپىغا سېلىشتۇرغاندا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، پەقەت قىسمەن تەپسىلاتىدىلا ئازراق ئۆزگىرىش بار ھەمدە قىسمەن يېرىگە M بەلگىسى قوشۇلغان. 

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جەھەتتە، X4 M40i ماشىنا تىپىغا قۇۋۋىتى 265kW غا يېتىدىغان 3.0T لىك تۈز ياتقۇزۇلغان ئالتە سىلىندىرلىق پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلەنگەن ھەمدە BMW xDrive تۆت چاقى قوزغىلىش سىستېمىسى ماسلاشتۇرۇلغان. ھەرىكەت ئۇزىتىشتا سەككىز خوتلۇق قول-ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرغان. يېڭى ماشىنىنىڭ 0-100km/h لىق تېزلىنىش ۋاقتى 4.9 سىكۇنت.





ئالدىنقى مەزمۇن: چىيەنتۇ K50 ئېلىكتىرلىك تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
كېيىنكى مەزمۇن: «ياپونىيە جەڭ ئىلاھى» نىسسان GTR يېڭى لەيلەپ سىلجىش رېكورتىنى ياراتتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号