ss ss ss ss

ئامېرىكىلىقلارنىڭ سىملىق توردىن ۋاز كېچىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى
2016-04-21 02:11:26   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كۆپ ھاللاردا ئامېرىكا ئېنتېرنېت تورىنىڭ ئىشلىتىلىش يۈزلىنىشىنى بىر نەچچە جۈملىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. مەسىلەن تۇرمۇشى باياشات ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۆيىدە سىملىق تور بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 53000 نەپەر ئامېرىكىلىق ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى سىملىق تورىدىن ۋاز كېچىشكە باشلىغان، ھەمدە سىمسىز تور ئىشلىتىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پەقەت يانفون ئارقىلىقلا تورغا چىقىدىغان ئامېرىكىلىقلار ئىچىدە تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر يەنىلا كۆپ نىسبەتنى ئىگىلگەن. ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 25000 دوللاردىن تۆۋەن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرى يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىدىكەن. بۇ نىسبەت 2013-يىلى %16 بولغان. بۇ بىر قىسىم كىشىلەر توپى ئادەتتە سانلىق مەلۇمات كەسپىدىكى بىر ھاڭ دەپ قارىلىدىكەن، چۈنكى بۇ  بىر قسىم كىشىلەر كۈتۈپخانا قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ھەقسىز WiFi نى ئىشلىتىدىكەن.
 
سخېمىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەرمۇ تېز سۈرئەتتە سىملىق توردىن ۋاز كېچىشكە باشلىغان. 2013-يىلى ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 50-75 مىڭ دوللار ئارىسىدا بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ پەقەت %8 لا سىمسىز تور ئىشلەتكەن. ھازىر بولسا سىمسىز تور ئشلەتكۈچىلەرنىڭ نىسبىتى %18 گە يەتكەن. 2013-يىلى يىللىق كىرىمى 75-100 مىڭ دوللارغىچە بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ %8 تىلا سىمسىز تور ئىشلەتكەن، ھازىر بولسا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى %17 كىشى سىمسىز تور ئىشلەتكەن. ئائىلىسنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ دوللاردىن ئاشقان كىشىلەر ئىچىدە 2013-يىلى پەقەت %6 كىشى سىمسىز تور ئىشلەتكەن، ھازىر بولسا %15 كىشى سىمسىز تور ئىشلەتكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Verizon قاتارلىق شىركەتلەر كەسپنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆچمە مۇلازىمەتكە قارىتىشقا باشلىغان؛ گۇگېل ۋە فېيسىبۇك شىركەتلىرىمۇ سىمسىز تور مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان، بۇ تېخنىكا شىركەتلىرى ئامېرىكىنىڭ سىمسىز تور كەسپىنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارىماقتا.




ئالدىنقى مەزمۇن: ئەڭ كىچىك ئاندرويىد يانفونىنى كۆرۈپ بېقىڭ
كېيىنكى مەزمۇن: جۇڭگو يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم سامسۇڭ بىلەن ئالمىدىن ئېشىپ كەتتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号