ss ss ss ss

ئەڭ كىچىك ئاندرويىد يانفونىنى كۆرۈپ بېقىڭ
2016-04-21 02:11:26   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 

  ئالما iPhone SE يانفونىنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىچىك ئېكرانلىق يانفونلارمۇ قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. مايا نۆۋەتتىكى يانفون بازىرىدىكى ئەڭ كىچىك Android يانفونىنى Posh Mobile ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، بۇ يانفونغا 240 Micro X S نام بەرگەن. 

  بۇ يانفوننىڭ iPhone SE غا ئوخشىمايدىغان يېرى دەل ئۇنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق تۆۋەن سەپلىمىلىك كىچىك يانفون بولغىنىدا. بۇ يانفوننىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، قېلىنلىقى ئايرىم ئايرىم 89x47x11.6mm  بولۇپ، 2.4 دىيۇملۇق ئېكران،  1.0GHz لىق  MT6572M قوش يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 512MB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 4GB لىق ھۆججەت ساقلىغۇچ، شۇنداقلا 2 مىليون پىكسېللىق ئارقا كامېرا ۋە VGA ئالدى كامېرا، 650mAh لىق باتارىيە ۋە ئالدىن Android 4.4 مەشغۇلات سىستېمىسى سەپلەنگەن.





ئالدىنقى مەزمۇن: Vizio شىركىتى تىزگىنەكسىز 4K لىق تېلېۋىزور ئېلان قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئامېرىكىلىقلارنىڭ سىملىق توردىن ۋاز كېچىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号