ss ss ss ss

Vizio شىركىتى تىزگىنەكسىز 4K لىق تېلېۋىزور ئېلان قىلدى
2016-04-21 02:11:22   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

  ئالدىنقى ئايدا Vizio شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ تېلېۋىزور تىزگىنىكىنى ئەمدى تارىخقا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، ھازىر Vizio شىركىتى بۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ شىركەت پۈتۈنلەي يېڭىچە M تۈرىدىكى 4K لىق تېلېۋىزورنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئىچكى قىسمىغا HDR تېخنىكىسى ۋە ئاندىرويىد ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق يىراقتىن تىزگىنلەش يۇمتالى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خۇددى يېقىندا ئېلان قىلىنغان P تۈرىدىكى 4K لىق تېلېۋىزورغا ئوخشاش M تۈرىدىكى تېلېۋىزورغىمۇ VIZIO ۋە SmartCast قاتارلىق ئەپ دېتاللىرى قاچىلانغان ھەمدە بىر دانە ھەقسىز 6 دىيۇملۇق ئاندرويىد تاختا كومپىيوتېرى تىزگىنەك ئورنىدا سوۋغا قىلىنغان. بۇ خىل تېلېۋىزور يەنە گۇگېلنىڭ پىرويېكسىيە ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.

  Vizio بۈگۈن يەنە بىرلا ۋاقىتتا E تۈرىدىكى 4K لىق تېلېۋىزورنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ مەھسۇلاتمۇ ئوخشاشلا قوشۇمچە SmartCast ۋە گۇگېلنىڭ پىرويېكسىيە ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، ئەمما بۇ تېلېۋىزورغا ھەقسىز تاختا كومپىيۇتېر قوشۇپ بېرىلمەيدۇ، ئابونتلار App Store ياكى گۇگېل Play ئارقىلىق SmartCast يۇمتالىنى چۈشۈرۈپ تېلېۋىزورنى كونترول قىلالايدۇ. E تۈرىدىكى 4K لىق تېلېۋىزور مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە 43 دىيوملۇق 4K لىق تېلېۋىزورنىڭ باشلىنىش باھاسى 469 دوللار بولۇپ، بۇ ئاساسلىق تېلېۋىزور ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

  Vizio شىركىتى بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ مەھسۇلاتلارنى تېلېۋىزور دەپ ئاتىماستىن، بەلكى «ئائىلە كىنوخانىسى ئېكرانى» دەپ ئاتىغان، چۈنكى P، M ۋە E تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچكى قىسمىغا تېلېۋىزىيە تەڭشىگۈچ ئورنىتلمىغان. E تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باشلىنىش باھاسى 229 يۈەن، M تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى 849 يۈەن بولۇپ بۈگۈن ئامېرىكىدىكى چوڭ پارچە سېتىش دۇكانلىرىدا سېتىلىشقا باشلىدى.




ئالدىنقى مەزمۇن: لېشى ئۈچ نۇسخا 2-ئەۋلاد يانفون ئېلان قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئەڭ كىچىك ئاندرويىد يانفونىنى كۆرۈپ بېقىڭ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号