ss ss ss ss

لېشى ئۈچ نۇسخا 2-ئەۋلاد يانفون ئېلان قىلدى
2016-04-21 02:11:22   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

لېشى بۈگۈن ئۈچ نۇسخا يېڭى بىر ئەۋلاد لېشى يانفونى لې 2، لې 2 Pro ۋە لې Max 2 نى ئېلان قىلدى. 

تونۇشتۇرۇلىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دا 1 مىليون دانە لېشى 2 -ئەۋلاد يانفونى تۇنجى تارقىتىلىدىكەن، لې 2 نىڭ باھاسى 1099 يۈەن، لې 2 Pro نىڭ باھاسى 1499 يۈەن، لې Max 2  نىڭ باھاسى 2099 يۈەن، 6GB+64GB نۇسخىسىدىكى لې Max 2 نىڭ باھاسى 2499 يۈەن.

سەپلىمىسى تەرەپتە، ئۈچ نۇسخا يانفونغا ئايرىم-ئايرىم لىيەنفاكې Helio X20، Helio X25 ۋە سىنەپدراگون 820 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، لې 2 غا 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 32GB لىق eMMc5.1 چاقماق ساقلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.



لې 2 Pro تەرەپتە، لىيەنفاكې Helio X25 نىڭ ئون يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى ۋە 4GB+32GB لىق ساقلاش گۇرۇپپىسى سەپلەنگەن. سۈرەتكە تارتىش تەرەپتە، لې 2 Pro گە Sony CMOS سۈرەت سېنزورى IMX230 سەپلەنگەن، 21 مىليون پېكسىلغا ئىگە. بۇنىڭدىن سىرت، لې 2 Pro يەنە ئالتە گۇرۇپپا لېنزا، F2.0 نۇر ھالقىسى، كۆك ئەينەكلىك ئىنفرا قىزىل نۇر سۈزگۈچى، كۆك ياقۇتلۇق لېنزىنى قوغداش پىلىيونكىسىغا ئىگە ھەمدە قاتتىق دېتالى HDR، PADF، ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماتورنى قوللايدۇ.



لې Max 2 تەرەپتە، 5.7 دىيۇملۇق 2K ئېكران سەپلەنگەن، LPDDR4 قوش يوللۇق 6GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 64GB لىق UFS2.0 چاقماق ساقلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرغان. سۈرەتكە تارتىش تەرەپتە، لې Max 2 سونىي CMOS سۈرەت سېنزورى، 21 مىليون پېكسىللىق ئاساسىي تېلكامېرا، F2.0 نۇر ھالقىسىغا ئىشلەتكەن، قاتتىق دېتالى HDR، PADF، ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماتورنى قوللايدۇ؛ ئالدىغا 8 مىليون پېكسىللىق تېلكامېرا ئورۇنلاشتۇرغان، 1.4μm پېكسىلغا ئىگە.



بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش تەرەپتە، لې Max2 يەنە ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇنىڭدىن سىرت، لېشى بۇ قېتىمقى ئۈچ نۇسخا يانفوندا رامكىسىز ID 3.0 ئىشلەتكەن، CDLA تولۇق سىفىرلىق بۇزۇلمىغان ئاۋاز ئۆلچىمى سەپلىگەن ھەم CDLA نىڭ يېڭى Type-C ئېغىزى ئەنئەنىۋى 3.5mm لىق ئېغىزنىڭ ئورنىنى ئالغان.

يەنە بىر تەرەپتە، لېشى يەنە ئىلگىرىكى تېز زەرەتلەشنى دەرىجە ئاشۇرغان، مەسلەن لې Max 2 نىڭ تېز زەرەتلىشىدە QC3.0+PD ئىككى خىل كېلىشىمنى ئىشلەتكەن. 



ئالدىنقى مەزمۇن: جۇڭشىڭ ئىككى نۇسخا يېڭى ئەقلىيفون ئېلان قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: Vizio شىركىتى تىزگىنەكسىز 4K لىق تېلېۋىزور ئېلان قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号