ss ss ss ss

جۇڭشىڭ ئىككى نۇسخا يېڭى ئەقلىيفون ئېلان قىلدى
2016-04-21 02:11:20   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭشىڭ بۈگۈن ئىككى نۇسخا يېڭى يانفون: ZTE A910 ۋە ZTE V7 MAX نى ئېلان قىلدى. A910 ئىككى نۇسخىنىڭ باھاسى 1299 يۈەندىن باشلىنىدۇ، V7 MAX نىڭ زاكاس باھاسى 1799 يۈەندىن باشلىنىدۇ. بۇ ئىككى نۇسخا يېڭى يانفوندىن سىرت، جۇڭشىڭ يەنە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 2016-يىللىق سېتىش مىقدارى نىشانىنىڭ 70 مىليونغا يۈرۈش قىلىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىدى.

جۇڭشىڭ ZTE A910 دا 5.5 دىيۇملۇق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ئېكران ئىشلەتكەن، ئومۇمىي يانفون گەۋدىسىنىڭ قېلىنلىقى 6.9 مىللىمېتىر، مىتال بىر گەۋدىلەشكەن رامكىلىق؛ سۈرەتكە تارتىش تەرەپتە، جۇڭشىڭ ZTE A910 نۇسخىسى 13 مىليون پېكسىللىق ئارقا تېلكامېراغا ئىگە، PDAF فازىلىق فوكۇس توغىرلاش تېخنىكىسى قوللانغان، ئەڭ تېز بولغاندا 0.1 سىكۇنتتا دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتتە فوكۇس توغىرلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، ئالدىغا 8 مىليون پېكسىللىق تېلكامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، F2.2 نۇر ھالقىسى، 88° گرادۇسلۇق چوڭ كەڭ بۇلۇڭنى قوللايدۇ، بەش دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق گۈزەللىك تەمىنلىگەن. 



ZTE A910 نۇسخىسىدا MT6735 تۆت يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى، 2540mAh لىق باتارىيە ئىشلەتكەن، ئۈچ خىل نۇسخا رەڭ تاللىشى تەمىنلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ZTE A910 دا بېسىش شەكىلىدىكى بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللانغان، ئەڭ تېز بولغاندا 0.3 سىكۇنىتتا قارا ئېكران قۇلۇپلاش ۋە 360 گرادۇسلۇق خالىغان يۆنىلىشتە قۇلۇپلاشنى قوللايدۇ.

بۇ مەھسۇلات ئىككى نۇسخىغا ئىگە بولۇپ، تىجارەت شىركىتى زاكاس نۇسخىسىنىڭ باھاسى 1299 يۈەن، يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسىنىڭ باھاسى 1499 يۈەن. تېلگراف نۇسخىسى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىدۇ، كۆچمە خەۋەرلىشىش نۇسخىسى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نۇسخىسى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ماس قەدەمدە بازارغا سېلىنىدۇ، تارقىتىش يولى كۆچمە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، تېلگراف قاتارلىقلارنىڭ تىجارەت زالى ۋە باشقا پارچە سېتىش دۇكىنى ھەم ھەرقايسى چوڭ ئېلىكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



ئىككىنچى نۇسخا ZTE V7 MAX غىمۇ ئوخشاشلا 5.5 دىيۇملۇق يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى ئېكران، 2.5D يايسىمان ئەينەك سەپلەنگەن، يانفون گەۋدىسىنىڭ قېلىنلىقى 7.2 مىللىمېتىر كېلىدۇ. ZTE V7 MAX كە 16 مىليون پېكسىللىق ئارقا تېلكامېرا ۋە 8 مىليون پېكسىللىق ئالدى تېلكامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 6P ئوپتىك ئەينەك لېنزا ۋە قوش رەڭلىك چاقماق چىراق ئىشلەتكەن، قاتتىق دېتال تەرەپتە يانفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلغان.

بۇ مەھسۇلاتنىڭ بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئالاھىدە، بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش مودۇلى يانفون گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تاق قولدا مەشۇلات قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ZTE V7 MAX  نۇسخىسى 0.3 سىكۇنىتتا قۇلۇپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. V7 MAX نىڭ بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى پەقەت قۇلۇپلاشلا بولۇپ قالماستىن، يەنە تېخىمۇ كۆپلىگەن ئۇسۇلغا كېڭەيتىلگەن. 



باھاسى تەرەپتە، جۇڭشىڭ V7 MAX نىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسى (4GB+32GB) نىڭ باھاسى 1999 يۈەن، ئۆلچەملىك سەپلىمىسى (3GB+32GB) نىڭ باھاسى 1799 يۈەن، ئۈچ خىل رەڭ تەڭشىكى تەمىنلىگەن، مەھسۇلات 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي بازارغا سېلىنىدۇ. 



ئالدىنقى مەزمۇن: ياخۇ 1-پەسىلدە 99 مىليون دوللار زىيان تارتتى
كېيىنكى مەزمۇن: لېشى ئۈچ نۇسخا 2-ئەۋلاد يانفون ئېلان قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号