ss ss ss ss

Oculus قالپاق ئېكرانى تۇنجى تۈركۈمدە جۇڭگودا سېتىلمايدۇ
2016-01-07 03:32:16   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


2016-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر 00:00 دە، Oculus ئىستىمالچىلار مەۋھۇم رىئاللىق قالپاق ئېكران Oculus Rift CV1 نىڭ ئالدىن سېتىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى ھەمدە پۈتۈن يەرشارىدا تارقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، Oculus Rift CV1 نىڭ تۇنجى قېتىم تارقىتىلىش دائىرىسى جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ-يوق، بۇ ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇمۇ جۇڭگودىكى مەۋھۇم رىئاللىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئاچقۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. Oculus نىڭ تۇنجى ئەۋلاد ئاچقۇچىلار نۇسخىسى DK1 ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد ئاچقۇچىلار نۇسخىسى DK2 ئىلگىرى ھەممىسى جۇڭگودا سېتىشنى قوللىغان، ئەمما 2015-يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدىن باشلاپ Oculus جۇڭگوغا Oculus Rift DK2 ئۈسكۈنىسى تەمىنلەشنى توختاتقان، ھەمدە جۇڭگودىن تالون قوبۇل قىلمىغان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا دەل ھايانكەشلەر.

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، Oculus شىركىتى Rift CV1 نىڭ تۇنجى تۈركۈمدە ئەۋەتىشنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى يوق. 

ئالدىنقى مەزمۇن: LG دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورى ئېلان قىلىندى
كېيىنكى مەزمۇن: مىكروسوفىت Band2 ئارقىلىق ۋولۋونى ئاۋازلىق كونترول قىلغىلى بولىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号