ss ss ss ss

EMC شىركىتى 3-ئايغىچە خادىم قىسقارتىشنى پىلانلىدى
2016-01-07 03:29:47   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

    بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    «ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سانلىق مەلۇمات ساقلاش شىركىتى EMC يېقىندا خادىم قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ شىركەتنىڭ 850 مىليون دوللارلىق تەننەرخنى قىسقارتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن، ئەمما شىركەت تەرەپ كونكرېت قىسقارتىلىدىغان خادىملارنىڭ سانىنى ئاشكارىلىمىغان. نۆۋەتتە، دېل شىركىتىنىڭ EMC شىركىتىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سۆھبىتىمۇ جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا. EMC شىركىتىنىڭ بىر پارچە ھۆججىتىدە دېيىلىشىچە، بۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك چىقىم 250 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن. مەزكۇر شىركەت قايسى پەسىلدە بۇ چىقىمنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە قانچىلىك خادىمنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان. 

    بۇ قېتىمقى خادىم قىسقارتىش پىلانى EMC شىركىتىنىڭ تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدىكى قايتا تەشكىللەش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ پىلان ئالدىنقى ھەپتىدە شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن. EMC شىركىتىنىڭ باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى 850 مىليون دوللارلىق تەننەرخنى تېجەش تەدبىرى خادىم قىسقارتىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق تۈرلەردىن كەلگەن ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى خادىم قىسقارتىش خىزمىتى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاماملىنىپ، 2016-يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇق ئاخىرلىشىدىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قايتا تەشكىللەشكە مۇناسىۋەتلىك چىقىم 220 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا دېل شىركىتى ۋە Silver Lake شىركىتى تەخمىنەن 67 مىليارد دوللارغا EMC شىركىتىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان،  بۇ تارىختىن بۇيانقى تېخنىكا شىركەتلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ سېتىۋېلىش ئىشى بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ سودا بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاماملىنىدىكەن.

ئالدىنقى مەزمۇن: 5G تورىدا بىر 3D كىنونى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئالتە سېكۇنتلا كېتىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: شياۋمىنىڭ 2999 يۈەنلىك خاتىرە كومپيۇتېرىغا i7 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىكەن

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号