ss ss ss ss

شوپۇرلارنىڭ دىققىتى چېچىلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق رول قېپى
2016-01-28 01:39:02   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:2016-يىللىق خەلئقارالىق ئىستىمال ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى لاسۋىگاستا ئۆتكۈزۈلدى، مەۋھۇم ۋە رىئاللىق تېخنىكىسى، سۈنئى ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلار بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكرەك تارتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. 3600 دىن كۆپرەك تېخنىكا شىركىتى بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىسىنى نامايەن قىلدى. يېقىندا ئەنگلىيەدىن كەلگەن بىر ماشىنا بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى Smart Wheel بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە سىرتقى دۇنيادىكىلەرگە بىر ئىنتايىن ئالاھىدە بولغان مەھسۇلات-ئەقلىي ئىتىدارلىق رول قېپىنى نامايەن قىلدى، بۇ شىركەت بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق رول قېپى ئارقىلىق نۆۋەتتە ئىنتايىن ئومۇملىشىپ كەتكەن ماشىنا ھەيدىگەندە دىققىتى چېچىلىپ كېتىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدىغان قاتناش ھادىسسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

 

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق رول قېپى شوپۇرنىڭ ئىككى قولىنى رولنىڭ ئۈستىگە توغرا قويغان ياكى قويمىغانلىقىنى سېزەلەيدىكەن، ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا شوپۇرغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرەلەيدىكەن. بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق رول قېپى شوپۇرلار ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا دىققىتى چېچىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن، يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ خىل رول قېپى يەنە يېڭىدىن ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ياخشى بولغان ماشىنا ھەيدەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

نۆۋەتتە Smart Wheel شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق رول قېپى ئامېرىكىدىكى ماسسا چۇستېس تەبىئى پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدا سىناق قىلىنىشقا باشلىغان، شۇنداقلا ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوبامانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ خىل رول قېپى بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكىدا رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن، سېتىلىش باھاسى بولسا 200 دوللار بولىدىكەن.

 


ئالدىنقى مەزمۇن: سونىي شىركىتى يېڭى تىپتىكى ساقلاش كارتىسىنى ئېلان قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: BLU شىركىتى VIVO 5 ،VIVO XL نۇسخىلىق يانفونلارنى ئېلان قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号