ss ss ss ss

ئالما شىركىتى 2018-يىلى سامسۇڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، OLED ئىكران ئىشلىتىشى مۇمكىن
2015-12-02 15:06:44   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

سۇمۇرغ تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى: 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پەن-تېخنىكا خەۋەر تورى Ubergizmo تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇزۇندىن بىرى ئالما شىركىتىنىڭ iPhone مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكران ماتېرىيالىنى OLED ئېكرانغا ئالماشتۇرىدىغانلىقى، ھەمدە سامسۇڭ شىركىتىنىڭمۇ ئالما شىركىتىنىڭ تەمىنلىگۈچىلىرى تىزىملىكىدە بار ئىكەنلىكنى ئېلان قىلغان. ئالما شىركىتى 2007-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل iPhone مەھسۇلاتلىرىغا LCD ئېكران ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە كورېيە تاراتقۇلىرىمۇ سامسۇڭ شىركىتىنى ئالما شىركىتى 2018-يىلى ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتقان iPhone غا OLED ئېكران تەمىنلىگۈچى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېلان قىلغان. 

كورېيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەنە مەلۇم بىر سامسۇڭ شىركىتىنىڭ Samsung Display غا مەسئۇل باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئالما شىركىتى بىلەن سامسۇڭ شىركىتى OLED ئېكران جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ باشقۇرغۇچى خادىم يەنە تۇنجى نۇسخىدىكى سامسۇڭنىڭ Samsung Display OLED ئېكرانى ئىشلىتىلگەن iPhone نىڭ 2018-يىلى ‫ئېلان قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلىغان. 

 Samsung Display گەرچە دۆلىتىمىزدىكى قىسمەن ئېلېكتىرون شىركەتلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئالما شىركىتىنىڭ ئوبرازىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، شۇڭا تىجارەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا Samsung Display نىڭ ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەقىقەتەن زور. 

ئالما شىركىتىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد iPhone لارغا ھەقىقەتەن OLED ئېكران ئىشلىتىدىغان ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى يەنىمۇ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. تا بۈگۈنگە قەدەر ئالما شىركىتى iPhone مەھسۇلاتلىرىغا LCD ئېكران ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ كەلمەكتە، گەرچە يۇقىرىقىدەك خەۋەرلەر تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن شۇنىسى ئەمەلىيەتكى ئالما كەلگۈسى ئىككى يىلدا يەنىلا LCD ئېكران ئىشلىتىدۇ. 


ئالدىنقى مەزمۇن: پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى
كېيىنكى مەزمۇن: ياپونىيە Freetel شىركىتى ئەرزان باھالىق Win10 يانفونى ياساپ چىقتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号