ss ss ss ss

LG بالىلار تاقاشقا ماس كېلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى ياساپ چىقتى
2015-11-06 10:34:49   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېخنىكا تورى خەۋىرى:

LG شىركىتى ئادەتتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەتلىرىدىن باشقا، يەنە بالىلار تاقاشقا ماس كېلىدىغان قول سائەتلەرنى تەتقىق قىلىش جەھەتتىمۇ خىلى كۆپ ئىزدەنگەن. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ شىركەت كەلگۈسىدە تار دائىرىلىك بازار دەپ قارىلىپ كەلگەن بالىلارغا يۈزلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى ساھەسىگە يۈرۈش قىلىشنى پىلانلىغان. داڭلىق ئۇچۇر تەمىنلىگۈچى EvLeaks يىقىندا LG ماركىسىدىكى ئىككى خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ لايىھەسىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ ئىككى سائەتنىڭ نۇسخىسى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ قالىدىكەن، ئاساسلىقى بالىلارنىڭ تاقىشىغا ماس كېلىدىكەن.

EvLeaks ئاشكارىلىغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، بۇ ئىككى مەھسۇلاتنىڭ ئىسمى GizmoPal 2 ۋە GizmoGadge بولۇپ، ئامېرىكا Verizon شىركىتى تەرىپىدىن سېتىلىدىكەن. LG شىركىتى بۇندىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقارغان بىرىنچى ئەۋلاد قول سائىتى GizmoPal بالىلارنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنىنى ئىز قوغلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنى ئۆزىگە قاراتقان، ئۇنىڭغا تېلفون ئۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىش، GPS ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىقتىدارلار قوشۇلغان.

يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان GizmoPal 2 مۇ شەكىل جەھەتتىن بۇرۇنقى ئۇسلۇبنى ساقلاپ قالىدىكەن، ئەمما لايىھە ۋە باتارىيەسىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولىدىكەن. بۇندىن باشقا، ئۇنىڭغا كىچىكرەك بولسىمۇ بىر ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئىشلىتىشكە تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇلغان. بىرىنچى ئەۋلاد قول سائىتىگە پەقەت كۇنۇپكا ۋە ياڭراتقۇ سەپلەنگەن بولۇپ، قارىماققا تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدىغان ئادەتتىكى ئېلېكترونلۇق قول سائىتىگە ئوخشايدىكەن.

ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەلۋەتتە بالىلىرىنىڭ ھەر دائىم ساق-سالامەت ۋە بىخەتەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا LG شىركىتى ياساپ چىققان بۇ قول سائەتلەر دەل مۇشۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالالىشى مۇمكىن.


ئالدىنقى مەزمۇن: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى: تېلېگراف شىركەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئويلاپ باقمىغان
كېيىنكى مەزمۇن: سامسۇڭ Tizen سىستېمىسى قارا بۆلجۈرگەندىن ئېشىپ، دۇنيادا 4-ئورۇندا تۇردى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号