ss ss ss ss

كورىيە تېلېگراف شىركىتى SK Telecom دۇنيا بويىچە تۇنجى 5G تورىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2015-11-02 16:49:41   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: كورىيە خەلقى ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز بولغان تور سۈرئىتىدىن بەھرىمەن بولماقتا، شۇڭا ئۇلار يەنە ئەڭ ئاۋۋال 5G تورىنى ئىشلەتسە ھېچكىممۇ ھەيران قالمايدۇ. بۇ يەردە دەۋاتقان 5G بەشىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. كورىيە كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركىتى SK Telecom مۇشۇ ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ 5G تورىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇلار ئاللىقاچان مەخسۇس 5G تور تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان 5G Playground تەتقىقات تۈرىنى قوزغاتقان. كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، SK Telecom شىركىتى سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەر سىكۇنتقا 19.1Gb بولغان تورنى سىناق قىلغان، بۇ تور تېخنىكىسىنى ھازىرقى كورىيىدىكى 4G LTE  تورىنىڭ 25Mbps لىق سۈرئىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا سۈرئىتىنى 1000 ھەسسە تېز دىيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل 5G تورىدا 2GB لىق سىغىمدىكى بىر فىلىمنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن پەقەت 1 سىكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ. 

بۇ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Choi Jin-sung يېقىندا 5G Playground تەتقىقات ئورنىنىڭ قوزغىتىلىشى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېگەن:«SKT شىركىتى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق دۇنيا بويىچە تۇنجى 5G تورىنى سودا خاراكتېرىدە ئىشلەتكەن تېلېگراف مۇلازىمەت شىركىتىگە ئايلىنىدۇ». بۇ تەتقىقات ئورنى يەنە سامسۇڭ شىركىتى، نوكىيا شىركتى، ئىنتېل شىركىتى، ئېرېكسون شىركىتى، Rhode & Schwartz شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. SK Telecom شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە 2017-يىلى سىناق تورنى قۇرۇپ چىقالايدىغان، بۇ سۈرئەت ھەقىقەتەن 2020-يىلىغا بارغاندا 5G تورىنى ئاندىن سودا خارەكتىرىدە ئىشلەتكىلى بولىدۇ دەپ قارىغان شىركەتلەردىن كۆپ تېز.بىراق پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا SK Telecom شىركىتى بىردىن- بىر 5G تورىنى تەتقىق قىلىۋاتقان شىركەت ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ Verizon Wireless شىركىتىمۇ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات قەدىمىنى تېزلەتكەن بولۇپ، كېلەر يىلىلا 5G تورىنى سىناق قىلىدىكەن، 2017-يىلىغا بارغاندا بىر قىسىم رايونلاردا ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن. ئاۋىسترالىيىنىڭ Telstra شىركىتىمۇ 2020-يىلى 5G تورىنى سودا خارەكتىرىدە ئىشقا كىرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. Verizon شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، يېڭى 5G تورىنىڭ سۈرئىتى ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ 4G LTE تور سۈرئىتىدىن 30-50 ھەسسە تېز بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئېرېكسون شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Hans Vestberg بۇ يىل بىرىنچى ئايدا 5G تور تېخنىكىسىنىڭ باشقا ساھىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى تورلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالدىنقى مەزمۇن: بەيدۇنىڭ پاي چېكى 7-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى
كېيىنكى مەزمۇن: سامسۇڭ 998 يۈەنلىك Galaxy On5 يانفۇنىنى جۇڭگودا بازارغا سالدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号