ss ss ss ss

Google نىڭ قىسمەن كەسىپلىرى جۇڭگو بازىرىغا قايتا كىرىدىكەن
2015-11-02 16:48:44   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

سىنا پەن-تېخنىكىسى 30-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: Google نىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى سېرگىي برىن (Sergey Brin)، مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى، شىركەتنىڭ يېقىنقى قايتا تەشكىللىنىشى شىركەتنىڭ قىسمەن كەسىپلىرىنىڭ ئالدى بىلەن جۇڭگوغا كىرىشىگە پايدىلىق دېگەن. 

برىن يەنە ھازىرغىچە جۇڭگودا نۇرغۇن كەسىپلەرنى قانات يايدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. Google ھازىرغىچە جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئېلان سېتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شىركەت نۆۋەتتە جۇڭگودا بىر Android ئەپ ماگىزىنى ئېچىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. 

2010-يىلى Google جۇڭگو بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. بىراق، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان يېڭى ئىجرائىيە ئەمەلدارى Sundar Pichai ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندى كېيىن، شىركەت جۇڭگودا قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىغان. 

Google قايتا تەشكىللەنگەندىن كېيىن، ئىسمىنى Alphabet قا ئۆزگەرتىپ، پاي كونترول قىلىش شەكلىدە، بۇندىن بۇرۇنقى ئېلان، ئىزدەش، YouTube ۋە Andorid قاتارلىقلارنى يېڭى Google شىركىتىگە بۆلۈپ بېرىدىكەن. Nest، ھاياتلىق ئىلىم-پېنى ۋە Google X قاتارلىق ئۇزاق مەزگىللىك تۈرلەر بولسا مۇستەقىل ئېلىپ بېرىلىدىكەن. 

برىننىڭ ئېيتىشىچە، Alphabet نىڭ ھەر بىر تۈرلۈك كەسپىنىڭ قايسى دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلىشىنى شىركەت ئۆز ئالدىغا بېكىتەلەيدىكەن. 

برىن نۆۋەتتە Alphabet نىڭ باش درېكتورى بولۇپ، قوشۇمچە Google X نىڭ باش باشقۇرغۇچىسى. ئۇ شىركەتنىڭ Google گاز شارى تۈرىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئىنتېرنېت تورى بىلەن قاپلىنىشىنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئالما iPad Pro تاختا كومپىيۇتېرى 11-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدىكەن
كېيىنكى مەزمۇن: LinkedIn تورىنىڭ 3-پەسىللىك زىيىنى 40 مىليوندىن ئاشقان، ئاكتىپ ئەزاسى ئاران %25 بولغان

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号