ss ss ss ss

شىياۋمى MIUI 7 نىڭ مۇقىم نۇسخىسىغا يېڭىلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئېلان قىلدى
2015-10-23 02:00:45   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

شىياۋمى تۈنۈگۈن MIUI مىكرو بىلوگىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 27-ئۆكتەبر MIUI 7 نىڭ مۇقىم نۇسخىسىنى رەسمىي تارقىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۈگۈن ئەتىگەن، MIUI مىكرو بىلوگى يەنە MIUI 7 سىستېمىسىغا يېڭىلىنىدىغان شىياۋمى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ تىزىملىككە شىياۋمىنىڭ كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلىرى كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.

MIUI مىكرو بىلوگى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، MIUI 7 سىستېمىسىغا يېڭىلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەر شىياۋمى 2/2S/3/4/4c، شىياۋمى Note تۈرىدىكى يانفونلار، خوڭمى Note/Note2 ، خوڭمى 1S/2/2A ۋە شىياۋمى تاختا كومپيۇتېرى قاتارلىق جەمئىي 15 خىل ئۈسكۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇندىن باشقا، ئۇچۇردا يەنە خوڭمى يانفونى، خوڭمى 1S كۆچمە خەۋەرلىشىش 3G نۇسخىسى، خوڭمى Note 3G نۇسخىسى قاتارلىقلارنىڭمۇ ئۇزۇنغا قالماي MIUI 7 نى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دېمەك، 27-ئۆكتەبردىن باشلاپ، شىياۋمى ئابونتلىرى قولىدىكى ئۈسكۈنىنىڭ «سىستېما يېڭىلاش» رايونىدا كىرىپ، بىۋاستە OTA ئارقىلىق سىستېما يېڭىلاش ئېلىپ بارسا، ياكى MIUI 7 سىستېمىسىنى MIUI ئورگان تورى ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا چۈشۈرگەندىن كىيىن، سىستېما يېڭىلاش قورالى ئارقىلىق يېڭىلاش ئېلىپ بارسىمۇ بولىدىكەن.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئېرىكسون شىركىتى كېلەر يىلى بىرازىلىيىدە 5G تېخنىكىسىنى سىناق قىلىدىكەن
كېيىنكى مەزمۇن: iOS 9 مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ قاچىلىنىش نىسبىتى %60 دىن ئاشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号