ss ss ss ss

قىسمەن ئابونتلارنىڭ كومپيۇتېرى Windows 10 گە مەجبۇرىي يېڭىلىنىپ كەتتى
2015-10-16 19:20:22   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ۋاڭيى تورى خەۋىرى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۇرغۇنلىغان Windows 7 ۋە Windows 8.1 ئابونتلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرنىڭ سىستېمىسى مەجبۇرىي ھالدا Windows 10 گە يېڭىلىنىپ كەتكەن. مىكروسوفت شىركىتى بۇ ھەقتە بايانات چىقىرىپ، بۇنىڭ سىستېما تەرەپتىكى خاتالىق ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئاللىقاچان تۈزىتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.

كومپيۇتېر سىستېمىسى مەجبۇرىي ھالدا Windows 10 گە يېڭىلىنىپ كەتكەن ئابونتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئەزەلدىن Windows 10 سىستېمىسىغا يېڭىلاشنى ئويلاشمىغان، ھەمدە كونا سىستېمىدىمۇ بۇنداق تاللاش ئېلىپ بارمىغان ۋە ياكى Windows 10 نى يېڭىلاش ۋاقتىنى ئالدىن بېكىتىپ قويمىغان. تاراتقۇلار مىكروسوفت شىركىتىدىن ئىگەللىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، يىقىندا Windows 10 سىستېمىسىنى يېڭىلاش جەريانىدا بىر قىسىم خاتالىق سادىر بولۇپ، ئاپتوماتىك يېڭىلاش تۈرى تاللىنپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم ئابونتلارنىڭ كومپيۇتېرى ئاپتوماتىك ھالدا Windows 10 سىستېمىسىغا يېڭىلىنىپ كەتكەن. مىكروسوفت ھازىر بۇ خاتالىقنى تۈزىتىپ بولغانلىقىنى ئېيتقان.

Windows 10 سىستېمىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان كىچىك خاتالىقلار ساقلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. «ئوت تۈلكىسى» تور كۆرگۈچىسىنى ئاچقۇچى شىركەت Mozilla نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئالدىنقى قېتىم مىكروسوفتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى نادېللاغا ئاشكارا خەت يېزىپ، ئابونتلار سىستېما نەشىرىنى Windows 10 گە يېڭىلىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭدا ئەسلىدە ئىشىتىۋاتقان تور كۆرگۈچنىڭ مىكروسوفت يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقارغان Edge ناملىق تور كۆرگۈچكە ئالمىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكنىڭ ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق، نادېللا بۇ خەتكە جاۋاب قايتۇرمىغان، پەقەت شىركەت نامىدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ قويغان.

مىكروسوفت شىركىتى ئىلگىرى كەلگۈسى 2~3 يىل ئىچىدە Windows 10 ئابونتلىرى سانىنى بىر مىلياردقا يەتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىرقى يېڭىلىنىش سۈرئىتى بويىچە قارىغاندا، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېھتىماللىقى خېلىلا چوڭ ئىكەن.


ئالدىنقى مەزمۇن: جۇڭگو دۇنيادىكى ئۈچتىن بىر قىسىم NAND Flash نى سېتىۋالدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئېلون ماسك: كەلگۈسىدە بارلىق قاتناش قوراللىرى توك بىلەن ماڭىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号