ss ss ss ss

LG نىڭ كۆچمە ھەق تۆلەش كەسپى «LG G Pay» ئۇزۇنغا قالماي ئوتتۇرىغا چىقىدۇ
2015-10-16 19:19:52   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى:

دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، ھازىر تېخنىكا ساھەسىدىكى بارلىق كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتىنىڭ ئىسمىدا «Pay» (ھەق تۆلەش، چىقىم قىلىش دېگەن مەنىدە) دېگەن سۆز بار، مەسىلەن، ئالما شىركىتى يولغا قويغان Apple Pay، گۇگۇل بايرىقى ئاستىدىكى Android Pay، سامسۇڭ يىقىندا ئىشقا كىرىشتۈرگەن Samsung Pay قاتارلىقلار، ھەتتا PayPal (ھەق تۆلەش گۆھىرىگە ئوخشاش مۇلازىمەت سۇپىسى) نىڭ ئىسمىدىمۇ «Pay» دېگەن بۇ سۆز بار. نۆۋەتتە يەنە بىر يېڭى كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ LG شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان «G Pay».

ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، LG شىركىتى ئامېرىكا ۋە كورىيەدە «LG G Pay» دېگەن ماركىنى رويىخەتكە ئالدۇرغان. LG شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى يۇ جېڭشۈنمۇ تاراتقۇلارغا كەلگۈسىدە كۆچمە ھەق تۆلەش ساھەسىگە يۈرۈش قىلىش پىلانى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان، شۇڭا، LG ئۇزۇنغا قالماي ھەق تۆلەش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشى مۇمكىن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، LG G Pay ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەت تۈرى جەھەتتە Samsung Pay دىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن، بىراق، ھازىر بۇ ھەقتىكى تەپسلاتلار تېخى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان. Samsung Pay نىڭ ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ بىرلا ۋاقىتتا NFC ۋە ماگنېتلىق كارتا ئوقوغۇچنى تەڭ قوللايدىغانلىقىدا، ئۇنداقتا، LG G Pay نىڭ زادى قانداق ئارتۇقچىلىقى باردۇ؟


ئالدىنقى مەزمۇن: موتورولا 27-ئۆكتەبىر ئىككى خىل يېڭى نۇسخىدىكى يانفونىنى ئېلان قىلىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: ياپونىيەدىكى VAIO ۋە NUANS ماركىلىرىنىڭ Win10 يانفونى ئېلان قىلىندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号