ss ss ss ss

23 ياشلىق ئەر ئېلىكترونلۇق ئويۇن ئويناشقا تايىنىپ 30 مىلىيون يۈەنلىك داچا سېتىۋالدى
2015-10-16 19:19:22   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق 23 ياشلىق ئېلىكترونلۇق ئويۇن ماھىرى جوردان مارون ئېلىكترونلۇق ئويۇن ئويناش ھەم ئويۇن ئويناش جەريانى فىلىمىنى يوللاش ئارقىلىق يوتۇبىدا 8 مىلىيوندىن ئارتۇق مەستانىگە ئىگە « چولپان» غا ئايلانغان، ئۇ ھەتتا 1.9 مىلىيارد قېتىملىق ئومۇمى چېكىلىش سانى رېكورتى يارىتىپ باي بولغان، نۆۋەتتە يەنە لوس ئانجىلىسدا 30 مىلىيون يۈەنلىك بىر ھەشەمەتلىك داچا سېتىۋالدى. 

تەيۋەن تاراتقۇسىنىڭ 13- ئۆكتەبىر «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، مارون ئېلىكترونلۇق ئويۇن ئويناش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى «مېنىڭ دۇنيارىم » «Minecraft» ئوينايدىكەن، ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ يوتۇبى قانىلى «CaptainSparklez» نى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئويۇن ئويناش جەريانىنى يوللاپ، 8.81 مىلىيون دىن ئارتۇق مەستانە جەلىپ قىلغان، ھەمدە 1.9 مىلىيارد قېتىملىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئومۇمى چېكىلىش سانى رېكورتى ياراتقان، نام چىقىرىپ داڭلىق شەخىسكە ئايلىنىپلا قالماستىن، يەنە زور بايلىققا ئىگە بولغان. 

تۆۋەندىكىسى ئۇ سېتىۋالغان ھەشەمەتلىك داچىنىڭ سۈرىتى

ئالدىنقى مەزمۇن: مېيلەن metal بارماق ئىزىنى تونۇيدۇ، باھاسى 1299 يۈەندىن باشلىنىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: سامسۇڭ Tizen سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن يېڭى يانفونى Z3 نى ئېلان قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号