ss ss ss ss

iPhone 6c تېخىچە پىلان ئىچىدە، بەلكىم كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن
2015-10-03 11:37:28   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ۋاڭيى تورى خەۋىرى:

iPhonehacks ناملىق تېخنىكا تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىللىق يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گەرچە خەۋەرلەردە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان يېڭى نۇسخىدىكى تۆۋەن باھالىق ئايفون iPhone 6c ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 6c نى ئېلان قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدىكەن، ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ تۆۋەن باھالىق ئايفون 2016-يىلى باھاردا ئېلان قىلىنىدىكەن.

Brean Capital نىڭ ئانالىزچىسى Ananda Baruah يىقىندا ئۇچۇر ئاشكارىلاپ، ئالما شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىستېمالچىلار باھاسىنى تېخىمۇ ئاسانراق قوبۇل قىلالايدىغان، سىرتقى شەكلى iPhone 6 گە ئوخشايدىغان يېڭى مەھسۇلاتى، يەنى تۆۋەن باھالىق ئايفوننىڭ يېڭى نۇسخىسى بولغان ئاتالمىش iPhone 6c نى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

Ananda Baruah نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاتالمىش iPhone 6c كېلەر يىلى باھاردا ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، ھازىرچە بۇ يانفوننىڭ قاتتىق دېتال جەھەتتىكى سەپلىمىسى ئېنىق ئەمەسكەن. ئەمما ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، iPhone 6c نىڭ چوڭلۇقى iPhone 6 بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاساس گەۋدىسى سۇلياۋدىن ياسىلىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت مىش-مىش خەۋەرلەر، خالاس، چۈنكى ئالما شىركىتى بۇ يانفونىغا ئائىت ئۇچۇرنى ئەزەلدىن ئاشكارىلاپ باققىنى يوق. 

ئالدىنقى مەزمۇن: LG يېڭى بايراقدار دەرىجىلىك يانفونى V10 نى رەسمىي ئېلان قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: سامسۇڭنىڭ Gear S2 نۇسخىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائىتى ئەتە ئامېرىكىدا بازارغا سېلىنىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号