ss ss ss ss

Facebook تايلاندتا ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلدى
2015-09-20 01:15:37   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: Facebook شىركىتىنىڭ تىجارەت ئىشلىرىغا مەسئۇل باش ئەمەلدارى Sheryl Sandberg نىڭ دېيىشىچە، Facebook شىركىتى يېقىندىلا تايلانتتا تۇنجى ئىش بېجىرىش ئورنىنى قۇرغان. Facebook نىڭ تايلاندتا تەخمىنەن 34 مىليون ئابونىتى بار بولۇپ، بۇ ئابونتلارنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ئۇچۇرلارنىڭ يېڭىلىنىش دەرىجىسىمۇ يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

Facebook شىركىتىنىڭ ئاسىيا تېنىچ ئوكيان رايونىنىڭ باش لېدېرى Dan Neary نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە Facebook شىركىتى مۇشۇ رايوندىكى ئىجتىمائى ئالاقە كەسپىگە رەھبەرلىك قىلالايدىغان بىر باشقۇرغۇچى ئىزدەۋېتىپتۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "خۇددى بىز ۋەدە بەرگەنگە ئوخشاش، بىز تايلاندتا ئىشخانا تەسىس قىلدۇق، بىزنىڭ مەبلىغىمىز تايلاندنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىز ئابونتلارنى باشقىلار بىلەن تېخىمۇ ئاسان ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ".

نۆۋەتتە Facebook شىركىتىنىڭ تەيۋەن، ھىندىستان، كورىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىش بېجىرىش ئورنى بار. Facebook شىركىتى بىردىن-بىر ئامېرىكا تۇپرىقىدىن سىرتقا ھالقىپ سىرتقا كېڭىيىشنى، بولۇپمۇ ئاسىيادا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشنى خىيال قىلغان شىركەت ئەمەس، Twitter شىركىتىمۇ تېز سۈرئەتتە پۈتۈن يەر شارىغا كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، ئاسىيا تېچ ئوكيان رايونى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. Facebook شىركىتىنىڭ ئىككىنچى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىدىن قارىغاندا 4-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا Facebook شىركىتىنىڭ ئاسىيا تېچ ئوكيان رايونىدىكى كىرىمى 623 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، 2013-يىلىدىن بۇيان مۇقىم ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئالدىنقى مەزمۇن: بىر ھەپتىدىن بېرى باھاسى چۈشكەن يانفونلارغا نەزەر
كېيىنكى مەزمۇن: لىيەنشىياڭ Lemon X يانفونىنىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى: بارماق ئىزىنى تونۇيدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号