ss ss ss ss

10 يادرو سەپلەنگەن HTC A9 يانفونى 29-سېنتەبىر ئېلان قىلىنىدۇ
2015-09-15 23:03:34   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

سىنا تورى خەۋىرى:

HTC نىڭ يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى 9-ئاينىڭ 29-كۈنىگە بېكىتىلگەن بولۇپ، ۋاقتى كەلگەندە HTC شىركىتى ئىككى خىل بايراقدار دەرىجىلىك يانفونىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى كۆپچىلىككە ئىنتايىن تونۇش بولغان HTC Aero ، يەنى HTC One A9 ناملىق يانفون. Geekbench سۇپىسى قويغان نۇمۇرغا قارىغاندا، 10 يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بۇ يانفوننىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن.

رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، HTC One A9 نىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا لىيەنفاكې MT6797 يەنى Helio X20 ناملىق 10 يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن، شۇڭا قويۇلغان نۇمۇرنىڭ يۇقىرى چىققانلىقىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق! ئۇندىن باشقا، ئىچكى ساقلىغۇچ سىغىمى 4GB بولۇپ، ئاندىرويىد بازىرىدىكى يانفونلارنىڭ ئالدى دېيىشكە بولىدىكەن.

توردا تارقالغان سۈرىتى

Helio X20 بولسا كۇۋالكوم ئىشلەپچىقارغان سىنەپدىراگون 820 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئاساسلىق رەقىبى، HTC Aero مۇشۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى يانفون سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئىلگىرىكى مىش-مىش ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، HTC Aero يانفونىغا يەنە ئېنىقلىق دەرىجىسى 2K گە يېتىدىغان 5.5 دىيۇملۇق ئېكران، 20 مىليون پىكسىللىق كامېرا قاتارلىقلار سەپلەنگەن ئىكەن.


ئالدىنقى مەزمۇن: ئەۋرىشىم ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرون ساھەسىنىڭ كەلگۈسىگە ئايلىنامدۇ؟
كېيىنكى مەزمۇن: شىياڭگاڭچە نۇسخىدىكى iPhone 6S تېلېگراف تورىنى قوللىمايدىكەن

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号