ss ss ss ss

قاتىل - بېرەت خارت بىلەن تونۇشۇڭ (تۈگىدى)
2015-09-13 13:44:18   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بىرىنچى قىسىم: http://www.nur.cn/news/2015/09/245307.shtml 

مەيدان مۇزىكىسى: http://www.tuprak.com/mob/play.asp?id=402 


ئاخىرىدا ئۇلار چىكاگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان 13-نۆۋەتلىك ئەسەبىي چېلىشىشتا بىر مەيدان مۇسابىقىگە چۈشمەكچى بولدى. 30 مىنۇتقا سوزۇلغان كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن، برەت خارت Sharpshooter قۇلۇپ ماھارىتىنى ئىشلىتىپ Austin نىڭ پۈتۈن يۈزىنى قانغا بويىۋەتتى، شۇنداقلا WWE تارىخدىكى ئەڭ داڭلىق بىر كۆرۈنۈشنى ياراتتى، Austin يېڭىلگىنىگە تەن بەرمىدى، بىراق ئالاھىدە تەكلىپلىك رېپىر Ken Shamrock (ئۇ 1964-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى توغۇلغان، WWE شىتاتلار چېمپىيونى، قوش كىشىلىك چېمپىيون، UFC چېمپىيونى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن) Austin نىڭ ئازابى ۋە زىيادە كۆپ قان چىقىپ كىتىپ ئايلىنىپ كىتىشىدىن كىيىنلا برەت خارتنى غەلبە قىلدى دەپ جاكارلىدى، قوڭغۇراق چېلىنغاندىن كىيىنمۇ برەتنىڭ قۇيىۋەتكۈسى كەلمىدى، چۈنكى ئۇ مەستانىلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئىدى.

   بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە بۇ ئىككىسىنىڭ ماجراسىنى پەسەيتىش تۈگۈل تېخمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۋەتتى، خارت Owen Hart,British Bulldog ۋە Austin نىڭ ئىلگىرىكى سەبدىشى Brian Pillman نى ئەتراپىغا توپلاپ Hart Foundation گۇرۇپپىسىنى قۇردى، Austin بىلەن تۇتۇشۇپ نەچچە ئايدىن كىيىن، خارت دېقىتىنى ئىلگىرىكى تۆت قېتىملىق ئېرىشكەن WWE چېمپىيونلوقىغا قاراتتى، بۇ مەزگىلدە، Austin برەت ۋە Sycho Sid نىڭ مۇسابىقىسىگە بۆسۈپ كىرىپ، برەت خارتنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېرىشكەن WWE چېمپىيونلوقىنى ئۇتتۇرۋېتىشكە سەۋەبچى بولدى.

   1997-يىلى 8-ئايدا، بوي ئىگىزلىكى 6 چى 10 سۇڭ، بەدەن ئېغىرلىقى 328 قاداق بولغان Undertaker نى يەڭگەندىن كىيىن، خارت بەشىنچى قېتىملىق WWE چېمپىيونلوقىنى كونترول قىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. مۇسابىقە يازدىكى ئەسەبىيلىك PPV مۇسابىقىسىدە ئوينالدى، ئالاھىدە تەكلىپلىك رېپىر Shawn Michaels، بىراق خارتنىڭ نەزىرىدە Michaels ساناقنى بەك تىز سانىۋەتكەن، شۇڭلاشقا ئاچچىقىدا HBK گە تۈكۈردى.

   Michaels بىر تۆمۈر ئۇرۇندۇق بىلەن خارتقا ھۇجۇم قىلدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ ھۇجۇم Undertaker گە تەگدى، خارت چاقماق تىزلىكىدە بېسىۋالدى ھەم غەلبە قىلدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىمۇ نەچچە كۈندىن كىيىن بۇ مۇسابىقە WWE تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەتلىك غەلبە قاتارىدا قەلەمگە ئېلىندى.

   داڭلىق بولغان‹‹مونترېئال ۋەقەسى››، برەت خارت ھەم Shawn Michaels نىڭ مۇسابىقىسى Mr. McMahon سەھنىنىڭ يان تەرىپىدە تۇرۇپ مۇسابىقە كۆرىۋاتاتتى، Michaels تۇيۇقسىزلا كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان برەت خارتنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ھەركىتى--Sharpshooter قۇلۇپلاش ھەركىتىنى برەتكە ئىشلەتتى.

   قۇلۇپلاش ھەركىتى ئەمدىلە تۈگىشىگە، رېپېر Earl Hebner قوڭغۇراق چېلىپ مۇسابىقە ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى ھەم WWE چېمپىيونلوق كەمىرىنى HBK گە تاپشۇرۇپ بەردى. تاماشىبىنلار بىردىنلا گۇمانلىنىشقا باشلىدى، خارت تېخى تەسلىم بولمىغان، بىراق ئىشلار ئاللاقاچان يۈز بەردى، HBK ئۈچىنچى قېتىم WWE چېمپىيونى بولدى، ھەم ‹‹attitude›› دەۋرىنىڭ پەردىسى ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

   ئىزا-ئاھانەتكەكە قالغان خارت ناھايىتى تىزلا WCW غا قۇشۇلدى، ئۇ يەردە خارت تېخىمۇ كۆپ چېمپىيونلوققا ئېرىشتى، بىر قېتىم WCW قوش كىشىلىك چېمپىيونى، تۆت قېتىم ئامېرىكا چېمپىيونى، تۆت قېتىم WCW چېمپىيونى بولدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىقى بولسا جەڭ ئىلاھى Goldberg نى مەغلۇب قىلىپ ئېرىشكەن.

   2010-يىلى، كىشىلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن قايتىپ كىلىش ئاخىرى رېئاللىققا ئايلاندى، The Hit Man (قاتىل) يەنە بىر قېتىم WWE سەھنىسىگە قايتىپ كەلدى، ئەينى ۋاقىتتىكى مونترېئال ۋەقەسىگە ئاللاقاچان 12يىل بولغان ئىدى. ئۇ يارىشىش ۋە سەمىمىيەتنى بىرگە ئېپ كەلگەن ئىدى، بىراق WWE رەئىسى Mr. McMahon نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىدى. ئىككىيلەننىڭ ماجراسى تاكى ئەسەبىي چېلىشىش 26 گىچە داۋاملاشتى، جەمەت ئەزالىرىنىڭ ياردىمىدە، خارت ۋەكىل خاراكتېرلىك ماھارىتى Sharpshoote بىلەن ئەڭ چوڭ رەقىبىنى سەھنىدە تەسلىم قىلدى.

   بۇ ئىشلار تۈگەپ نەچچە ئايدىن كىيىن يەنە ئېنىق بولمىغان ماجرالاردىن كىيىن، بۇ WWE داڭلىق شەخىسلەر زالىنىڭ ئەزاسى (2006-يىلى WWE داڭلىق شەخسلەر زالىنىڭ ئەزاسى بولغان) يەنە بەشىنچى قېتىملىق ئامېرىكا چېمپىيونلوقىغا ئېرىشتى، 10 يىلدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم چېمپىيونلوقنىڭ تەمىنى تېتىدى.

   The Hit Man نىڭ غەلبىسى ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى ھېلىقى گىپىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى، كەسپىي ھاياتىدىكى ئۈزۈلمەس يارلىنىش ۋە تالاش-تارتىش، برەت خارت يەنە بىر قېتىم بىزگە ئۇنىڭ نىمىشقا‹‹بۇ يەردىكى ئەڭ مۇنەۋەر(ماھىر)›› ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

   شان-شەرەپلىرى

1974-يىلى، كارگالى شەھىرى چېمپىيونى

1977-يىلى، خان جەمەتى ئىنىستىتۇتى چېمپىيونى

Cauliflower Alley Club Iron Mike Award (2008)

NCW ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى (بىر قېتىم)

Professional Wrestling Hall of Fame and Museum Class of 2008

PWI Comeback of the Year (1997)[216]

PWI نىڭ 1993-يىللىق ئەڭ داڭدار زىدىيەت مۇكاپاتى vs. Jerry Lawler

PWI نىڭ 1994-يىللىق ئەڭ داڭدار زىدىيەت مۇكاپاتى vs. Owen Hart

PWI نىڭ 1992-يىللىق ئەڭ ياخشى مۇسابىقىسى vs. British Bulldog at SummerSlam

PWI نىڭ 1996-يىللىق ئەڭ ياخشى مۇسابىقىسى  vs. Shawn Michaels in an Iron Man match at 

WrestleMania XII

PWI نىڭ 1997-يىللىق ئەڭ ياخشى مۇسابىقىسى vs. Steve Austin in a Submission match at 

WrestleMania 13

PWI نىڭ 1997-يىللىق كىشىنى ئەڭ نەپرەتلەندۈرىدىغان ماھىر مۇكاپاتى

PWI نىڭ 1994-يىللىق ئادەمنى ئەڭ ھاياقانلاندۇرىدىغان ماھىر مۇكاپاتى

PWI نىڭ 2003-يىللىق ستەنلى ۋېستون مۇكاپاتى

PWI نىڭ 1993-1994-يىللىق ئىككى يىللىق ماھىرلار تەرتىپىدە بىرىچى ئورۇندا

PWI نىڭ 2003-يىللىق 500 كۈچلۈك ماھىرلار تەرتىپىدە 4 - ئورۇندا

PWI ۋە Jim Neidhart نىڭ بىرلەشمە مۇكاپاتى 2003-يىللىق يەر شارىدىكى 100 كۈچلۈك ماھىرلار تەرتىپىدە 37- ئورۇندا

NWA International قوش كىشىلىك چېمپىيونى (Calgary version) (5قېتىم) –with Keith Hart (4) and Leo Burke (1)

Stampede British Commonwealth Mid ئېغىر دەرىجىلىكلەر مۇكاپاتى 3قېتىم

Stampede North America ئېغىر دەرىجىلىكلەر مۇكاپاتى 6 قېتىم

Stampede Wrestling Hall of Fame

WCW پۈتۈن ئامېرىكا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى 4 قېتىم

WCW دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى 2 قېتىم

WCW دۇنيا قوش كىشىلىك چېمپىيونى 1 قېتىم، ھەمراھى with Goldberg

WWC كارىب دېڭىزى رايونى قوش كشىلىك چېمپىيونى 1 قېتىم، ھەمراھى with Smith Hart

WWE پۈتۈن ئامېرىكا چېمپىيونى، بىر قېتىم

WWE WWF چېمپىيونى 5 قېتىم

WWF شىتاتلار چېمپىيونى ئىككى قېتىم

WWF قوش كىشىلىك چېمپىيون، ئىككى قېتىم، ھەمراھى with Jim Neidhart

King of the Ring ۋاقتى  (1991, 1993)، ئىككى قېتىملىق سەھنە شاھلىق چېمپىيونى

WWF Superstar of the Year --بۇ 1993-يىللىق WWF ئەڭ ياخشى ماھىر

Royal Rumble 1994، بۇ 1994-يىللىق خان جەمەتى كۆرىشى غەلبە قىلغۇچىسى

WWE Hall of Fame (Class of 2006)

1996-يىللىق ئامېرىكا چېلىشچىلىقىدىكى تۆت چېمپىيونلوق شاھ

RAW نىڭ باش دېرېكتورى

2006-يىللىق ئەڭ ياخشى ماھىرلار DVD《 Bret "Hit Man" Hart: The Best There Is, The Best There 

Was, The Best There Ever Will Be》

2006-يىلى، WWE داڭلىق شەخسلەر زالىنىڭ ئەزاسى بولدى.

2010-يىلى، دادىسى Stu Hart قا ۋاكالىتەن داڭلىق شەخىسلەر زالىغا قاتناشتى.

@ئىلاۋە:

    تورداشلارنىڭ بىر قىسىم ئىنكاسلىرىغا جاۋاب: گەرچە تەرجىمىھالىدا ھىچقانداق قاتىل دەپ نام بولمىغان بىلەن، ئەمما ئۇنىڭ چېلىشىش سەھنىسىدىكى لەقىمى "قاتىل" بولغاچقا، قاتىل دەپ تېما قۇيۇلدى.

   كۆرىۋاتقىلى ئىككى يىل بولغان تورداشلارنىڭ كۆرمىگىنى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى ماھىرلار چېكىنگەندىن كىيىن ھەر قايسى جەھەتلەردىن تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىرى تاللىنىپ WWE داڭلىق شەخىسلەر زالىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ. ئۇلار بۇ

يەردە WE غا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم قارارلارغا باھا بېرىدۇ، ھەم سالامەتلىكى ياخشى بولسا بىر قىسىم چوڭ 

مۇسابىقىلەرنى قىزىتىش مەقسىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ، ئاندېرتايكىرغا ئوخشاش. شۇڭا سىلەر كۆرمىگەن ماھىرلارنى WWE ماھىرى

ئەمەس دەپ قارىشىڭلار توغرا ئەمەس.

   ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە، يەنىلا نۇمۇسسىز سالونچىلارنىڭ ئازراق ئىنساپ دىيانەتلىك بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئىلگىرىمۇ دېگەندەك مىنىڭ @kusanbag دېگەن ئىسمىم بەك تەس بولسا نۇر تورى دېگەن 

خەت ئاز ھەم ساز! شۇنىمۇ بولسا قۇشۇپ قۇيۇڭلار!!!

ئالدىنقى مەزمۇن: زەردار كىرىستىئانو رونالدونىڭ كەسپىي تۇرمۇشى
كېيىنكى مەزمۇن: فابرىگاس ئالاقە تورىغا لاماسىيادىكى سۈرەتلىرىنى يوللىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号