ss ss ss ss

پىك: مادرىدنىڭ ئىشلىرىنىڭ مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن
2015-09-13 13:40:16   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

پىك يېقىندىن بىرى جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىغا كۆپ ئۇچرىدى، ئاۋۋال ياۋروپا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ توپ مەستانىلىرىنىڭ ئەسەبىيلەرچە ئىسقىرتىپ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرىدى، ئارقىدىن دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى راموسنىڭ تەنقىدلىشىگە دۇچ كەلدى، كىشىلەر ئۇنى دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپداشلار ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزدى دەپ ئەيىبلىدى.بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە، پىك ئىلگىرىكى سۈكۈتتە تۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بىرىپ، مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇردى.پىك يىغىندا ئىپادە بىلدۈرۈپ: مىنىڭ كەيپىياتىم بۇ ئىشلار تۈپەيلى قىلچىلىك تەسىرگە ئۇچرىغىنى يوق، ئەمەلىيەتتە تۈنۈگۈن مەن يەنە زەمبۇرۇغ تەرگىلى باردىم، مەن ساق ئۈچ سېۋەت زەمبۇرۇغ تەردىم، يېقىندىن بۇيان ھۆل-يىغىن ياخشى بولغاچقا، زەمبۇرۇغلار ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپتۇ، دېدى.پىك يەنە: مىنىڭ قارىشىمچە بۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىمنىڭ تۈپ سەۋەبى بارسېلونا بىلەن مادرىدنىڭ ئەشەددى رەقىبلەردىن ئىكەنلىكىدىن، مەن ئىسقىرتىش، مەسخىرە قىلىشلارغا ئۇچراش سەۋەبلىك ئۆزۈمنىڭ كۆز-قارىشىمنى ئۆزگەرتمەيمەن، مەن مەڭگۈ مادرىدنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ سەۋەبلىك ھەرگىزمۇ كەچۈرۈم سورىمايمەن. ئالدىنقى پەسىل مادرىد بىلەن يۇۋىنتۇس ئوتتۇرىدا ئىلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە مەن بۇففۇننىڭ كىيىمىنى كىيىپ مۇسابىقە كۆرگىلى باردىم، ئالدىنقى پەسىلدىكى مادرىد رىقابەت بىلەن مادرىد ئوتتۇرىدىكى مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئىلگىرى مەن كاسىللاسقا مادرىدنىڭ تۆت توپ كەتكۈزۈپ ئۇتتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم، نەتىجە مەن دېگەندەك بولدى، دېدى.ئۇ يەنە: مەن كوماندىمىزنىڭ ئۈچ شاھ بولغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، بارسېلونانىڭ كىرىستىيان رونالدونىڭ دوستى كىيۋىن لوردانغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان، مەن بۇ ئىشنىڭ ئانچە نازۇك ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، ئاندا مۇندا چاقچاق قىلىپ قويغاننىڭ ئانچە چوڭ تەسىرى يوق. مەن ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا مادرىد مەستانىلىرنىڭ ماڭا ئىسقىرتىپ مەسخىرە قىلىشلىرى ناھايىتى گۈزەل تۇيۇلىدۇ، ئەمما مەن ئىلگىرى ئېيتقاندەك، دۆلەت كوماندىسىدا مەن ئۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچۇرماسلىقىم كېرەك، دېدى.ئۇ يەنە تولۇقلاپ:مەن دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىنىپ چىقمايمەن، ئەگەر مەن چېكىنىپ چىقسام ئۇ ھالدا، ئاشۇ خاتا ھالدا ماڭا قىلىنغان مەسخىرىلەرگە باش ئەگگەنلىكىم بولۇپ قالىدۇ. مىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا توپ تېپىشىم ھەرگىزمۇ پۇل ئۈچۈن ئەمەس، مەن بارسېلونا ئۇ پۇلنىڭ 50 ھەسسىدىن ئارتۇق مائاش ئالىمەن. يەنە كېلىپ شان-شۆھرەت ئۈچۈنمۇ ئەمەس، چۈنكى مەن بارسېلونادا ئۈچ شاھلىق شەرىپىگە ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولدۇم، مېنىڭچە ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدا توپ تېپىشىم ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىش، دېدى.

 

 

ئالدىنقى مەزمۇن: خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبى مۇساپىرلاغا 1مىليون ياۋرو ئىئانە قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: مادرىد 2014-يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر كۇلۇب مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号