ss ss ss ss

مېسسىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىلىرىغا كىرگۈزگەن توپ سانى ئېلان قىلىندى
2015-09-09 10:02:48   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

يىقىندا، مېسسىنىڭ ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقىلەردە جەنۇبىي ئامېرىكا كوماندىلىرىغا كىرگۈزگەن توپ سانى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە پاراگۋاي كوماندىسى مېسسى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن كوماندا بولۇپ، مېسسى پاراگۋاي كوماندىسى بىلەن ئوينىغان سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە، تۆت توپ كىرگۈزۈپ، بەش ياردەمچى پاس چىقارغان. بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئوينىغان يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە تۆت توپ كىرگۈزگەن، بىراق ياردەمچى پاس چىقارمىغان. ۋېنسۇئېلا كوماندىسى بىلەن ئوينىغان بەش مەيدان مۇسابىقىدە، ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ تۆت ياردەمچى پاس چىقارغان. ئۇراگۋاي كوماندىسى بىلەن ئوينىغان ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە، ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ بىر ياردەمچى پاس چىقارغان.

چىلى كوماندىسى بىلەن ئوينالغان بەش مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككى توپ كىرگۈزۈپ بىر ياردەمچى پاس چىقارغان. كولۇمبىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككى توپ كىرگۈزگەن. بولۋىيە كوماندىسى بىلەن ئوينالغان ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككى توپ كىرگۈزۈپ بىر ياردەمچى پاس چىقارغان. ئېكۋادۇر كوماندىسى بىلەن ئوينالغان تۆت مەيدان مۇسابىقىدە، بىر توپ كىرگۈزۈپ بىر ياردەمچى پاس چىقارغان. پېرۇ كوماندىسىغا ئەڭ ئاز توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ كوماندا بىلەن ئوينالغان بەش مەيدان مۇسابىقىدە، بىر توپ كىرگۈزگەن.

ئالدىنقى مەزمۇن: يىگىرمە نەچچە كۇلۇب مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ياش ھۇجۇمچىسىنى تالاشماقتا
كېيىنكى مەزمۇن: ئالەن شېر: ۋانگالغا بېرىلگەن ۋاقىت يېتەرلىك بولدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号