ss ss ss ss

1-پەسىلدە ئالما ئەپلىرىنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى گۇگېل ئەپلىرىنىڭ يېرىمىغا توغرا كەلدى
2016-04-21 14:32:38   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تېخنىكا بىلوگى 9to5mac نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بازار تەكشۈرۈش ئورگىنى App Annie ئېلان قىلغان 2016-يىللىق بىرىنچى پەسىللىك ئەپ بازىرى كۆرسەتكۈچى دوكلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە ئالما ئەپ دۇكانلىرىدىكى ئەپلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى گۇگېل ئەپ دۇكىنىدىكى ئەپلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارىنىڭ يېرىمىغا توغرا كەلگەن، ئەمما ئەپلەردىن بولغان كىرىم گۇگېل ئەپ دۇكىنى كىرىمىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولغان. گۇگېل ئەپ دۇكانلىرىدىكى ئەپلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى ئالما ئەپ دۇكانلىرىدىكى ئەپلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولغان.

كۆپ يىللاردىن بۇيان ئالما ئەپ دۇكىنى ۋە گۇگېل ئەپ دۇكىنىدىكى ئەپلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى بىلەن ئۇلار ئىگە بولغان ئەمەلى كىرىم ئارىسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە پەرق مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، بۇ يىل بۇ پەرق تېخىمۇ زورايدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى بىرىنچى پەسىلدە جۇڭگو بازىرىدىكى ئالما ئەپ دۇكىنىدىكى ئەپلەرنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان. بىرىنچى پەسىلدە ئالما ئەپ دۇكىنىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى تىجارەت كىرىمى 2.2 ھەسسە ئاشقان، جۇڭگودىكى ئالما ئەپ بازىرى ياپونىيىكى ئالما ئەپ بازىرىدىن ئېشىپ ئالما ئەپ دۇكىنى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
 
يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋيېتنام، ئارگېنتىنا ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ گۇگېل ئەپ دۇكىنى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان، گەرچە يۇقۇرىدىكى ھەر قايسى رايونلاردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال ئادىتى ئوخشىمىسىمۇ ئەمما تور ئۇيۇنى ئەپلىرى ئورتاق ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانغان. دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا مۆلچەرلىنىشىچە، 2016-يىلى جۇڭگو بازىرىدىكى ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى تەرەققىياتى يەنىلا ياخشى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئەپلەرنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.




ئالدىنقى مەزمۇن: 2016-يىلدىكى كومپىيۇتېر ماركىلىرى رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى، ئالما 4 - بولدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئۆزەكچە لايىھەلەش شىركىتى ARM نىڭ 1-پەسىللىك كىرىمى 200 مىليون دوللارغا يەتتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号