ss ss ss ss

2016-يىلدىكى كومپىيۇتېر ماركىلىرى رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى، ئالما 4 - بولدى
2016-04-21 14:32:32   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

 undefined

  1.ليەنشياڭ گۇرۇھى: لىيەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ يىللىق تىجارەت سوممىسى 34 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان بولۇپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2013-يىلى ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ كومپيۇتېر سېتىش مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى. 2014-يىلى 10-ئايدا ئۇ يەنە موتورولانىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش كەسپىنى ئوڭۇشلۇق سېتىۋالدى.

  2. دېل (DELL): دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەخسىي كومپىيۇتېر سېتىش سودىگىرى.

  3. ئاسوس (ASUS): ئاسوس تەيۋەننىڭ پەن-تېخنىكا شىركىتى، دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق تەتقىقات، ئىجادىيەت ۋە لايىھەلەش گۇرۇپپىسى بار. ئۇ يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كومپيۇتېر ئاساسىي تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى. ئاسوس ئىستېمالچىلارنى ئەڭ قىممىتى بار مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشنى نىشان قىلغان.

  4.ئالما: ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى، قىسقىغىنا بىرقانچە يىل ئىچىدىلا دۇنياغا تونۇلغان، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساسىي كەسىپ قىلغان. 2014-يىلى 11-ئايدا ئالما شىركىتى دۇنيادىكى بازار قىممىتى 700 مىليارد دوللاردىن ئاشقان تۇنجى شىركەت بولۇپ قالدى.

  5. خۇيپۇ (HP): ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا شىركىتى، ئاساسلىق كەسپىي نۇسخىئالغۇ، رەقەملىك كامېرا ۋە كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتىن ئىبارەت.

  6. خۇڭچى(Acer): خۇڭچى تەيۋەننىڭ پەن-تېخنىكا شىركىتى، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى مۇۋاپىق، ليەنشياڭدىن كېيىنكى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەخسىي كومپيۇتېر ماركىسى بولۇپ قالغان، ئۇ يەنە دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ خاتىرە كومپيۇتېر ماركىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  7. سونىي: ياپونىيەنىڭ چوڭ تىپتىكى دۆلەت ھالقىغان پەن-تېخنىكا شىركىتى، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە چېتىلىدىغان ساھەلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. ئۇ يەنە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى.

  8. سامسۇڭ: سامسۇڭ كورىيەنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك ماركىسى، بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانا، دۇنيادىكى 500كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كەسىپلىرى ئېلېكتىرون، ئالەم قاتنىشى، سۇغۇرتا، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ.

  9. شېنجۇ (Hasee): بۇ جۇڭگو شېنجىننىڭ كومپيۇتېر شىركىتى بولۇپ 2001-يىلى قۇرۇلغان. كومپيۇتېر تېخنىكىسى ئېچىش ئۇنىڭ يادرولۇق كەسپى بولۇپ، تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  10. Toshiba: بۇ شىركەتنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ 1875-يىلى قۇرۇلغان، دۇنيادىكى داڭلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى. بۇ شىركەتنىڭ كەسىپلىرى رەقەملىك تېخنىكا، كۆچمە خەۋەرلىشىش، ئاساسىي ئەسلىھە ۋە ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.



ئالدىنقى مەزمۇن: گۇگېل ئاندرويىد سىستېمىسى رىقابەتلىشىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەرز قىلىندى
كېيىنكى مەزمۇن: 1-پەسىلدە ئالما ئەپلىرىنىڭ چۈشۈرۈلۈش مىقدارى گۇگېل ئەپلىرىنىڭ يېرىمىغا توغرا كەلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号