ss ss ss ss

گۇگېل ئاندرويىد سىستېمىسى رىقابەتلىشىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەرز قىلىندى
2016-04-21 14:32:32   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

  ئاندرويىد سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتى ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولدى، ئۇنى دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى بولغان كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ ياۋروپا بازىرىدا %80 دىن ئارتۇق يانفون ئاندرويىد سىستېمىسىدا ئىشلەيدۇ، ھەم گۇگېلنىڭ ئىزدەش ماتورىمۇ ياۋروپادا %90 دىن ئارتۇق بازارنى ئىگىلەيدۇ. بىراق، يېقىندا ئاندروئىد سىستېمىسى ياۋروپادا ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغاندەك قىلىدۇ. ياۋروپانىڭ مونوپول قىلىشقا قارشى تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، ئاندرويىد سىستېمىسى رىقابەتلىشىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەرز قىلىندى.



  بىر يىلغا سوزۇلغان تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقى رىقابەت كومېتىتى خادىمى Margrethe Vestagar ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، گۇگېل ئاندرويىد سىستېمىسىدا ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىگە ياس باستى، بۇ گۇگېل ئىزدەش، Play Store ۋە كىرومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەتتا گۇگېل يەنە يانفون ياساش شىركىتى ۋە تىجارەت شىركىتىنى ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئالدىن قاچىلاشقا مەجبۇرلىدى ھەمدە مەبلەغ مۇكاپاتى (financial incentives) ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مۇلازىمىتىنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قالدى. شۇڭا ياۋروپا كومېتىتى گۇگېلنىڭ قىلمىشى بىرقەدەر كەڭ كۆلەمدىكى كۆچمە ساھەسىدە رىقابەتلىشىشنى بېسىپ ۋە ئىجادىيەتنى چەكلەپ، باشقا ئىزدەش ماتورى، مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە تور كۆرگۈچ قاتارلىق مەھسۇلاتنىڭ ئادىل رىقابەتلىشەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ قارايدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈردى.



  گۇگېلنىڭ نۆۋەتتە ياۋروپا كومېتىتىنىڭ باشقىچە پىكىر باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان 12 ئاي ۋاقتى بار، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. ناۋادا نارازىلىق ئەرزى مەغلۇپ بولسا، گۇگېل جەرىمانە تۆلىشى مۇمكىن. ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا كومېتىتىنىڭ گۇگېلغا يەر شارى كىرىمىنىڭ %10 گە يەتكۈدەك جەرىمانە قويۇش ھوقۇقى بار ئىكەن، گۇگېلنىڭ ئالدىنقى يىللىق كىرىمى 74.5 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى گۇگېل بەلكىم كۆچمە كەسىپ ئېچىش شەكىلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىنىشى مۇمكىنكەن.

  ناۋادا گۇگېلنىڭ ئاندرويىد سىستېمىسىدا باغلاپ ئىزدەش قاتارلىق مۇلازىمىتى بولمىسا، گۇگېلنىڭ كۆچمە ئېلان كىرىمى چوڭ نىسبەتتە كېمىيىدۇ. چۈنكى بۇ گۇگېلنىڭ ئېلان چىقىرىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا باشقا شىركەتكە كېڭەيتىش ھەققىى تۆلىشى مۇمكىن.

  ئەمىلىيەتتە، گۇگېل ئۆتكەن ئون يىلدا كۆپ قېتىم مونوپولغا قارشى تەكشۈرۈشكە ئۇچرىغان. 2013-يىلى كانادا گۇگېلنى  مونوپول قىلىشقا قارشى تەكشۈرگەن. بىراق يېقىندا بۇ تەكشۈرۈش رەسمىي توختىدى.



ئالدىنقى مەزمۇن: LG G5 نۇسخىلىق يانفون كېچىكىپ بازارغا سېلىنىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: 2016-يىلدىكى كومپىيۇتېر ماركىلىرى رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى، ئالما 4 - بولدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号