ss ss ss ss

جۇڭگو يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم سامسۇڭ بىلەن ئالمىدىن ئېشىپ كەتتى
2016-04-21 14:32:14   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېخنىكا تورى DIGITIMES نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، TrendForce نامىدىكى بازار تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە يەر شارى مىقياسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى 292 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى بىر پەسىلدىكىدىن %18.6 تۆۋەنلىگەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13 تۆۋەنلىگەن. يەر شارى مىقياسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ئاساسلىقى بازارنىڭ تويۇنۇش ھالىتىگە يېتىپ قالغانلىقى سەۋەبچى بولغان، ئىگەللىنىشىچە، سامسۇڭ، ئالما قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ئاستىلاش كۆرۈلگەن، دۇنيا بازىرىدىكى يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاساسلىقى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۆھپىسى ۋە ھىندىستان قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازاردىكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالغان. بىرىنچى پەسىلدە، جۇڭگو ماركىسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ يىغىندىسى (ئېكىسپورت قىلىنغانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 125 مىليونغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم سامسۇ ۋە ئالما يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ئىگەللىنىشىچە، ئايفوننىڭ پەسىللىك سېتىلىش مىقدارى تارىختىن بۇيان ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. 1-پەسىلدە، ئايفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇر 4-پەسىلدىكى 75 مىليوندىن بىراقلا %43.8 تۆۋەنلەپ، 42 مىليونغا چۈشۈپ قالغان. مۆلچەرلىنىشىچە، ئايفوننىڭ بۇ يىللىق سېتىلىش مىقدارى 213 مىليون بولۇپ، 2015-يىلىدىكىدىن %10 ئازىيىدىكەن. ئۇندىن باشقا، TrendForce نىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل iPhone SE نىڭ سېتىلىش مىقدارى 15 مىليوندىن تۆۋەن بولىدىكەن.

سامسۇڭنىڭ 1-پەسىللىك يانفون سېتىش مىقدارى ئالدىن مۆلچەرلىگەن نىشاندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، جەمئىي 81 مىليون دانە يانفون سېتىپ چىقارغان، بۇ سان بۇلتۇر 4-پەسىلدىكىدىن %2.5 كۆپەيگەن. سامسۇڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، سامسۇڭ شىركىتى Galaxy S7 ۋە S7 Edge يانفونلىرىنى ئەسلى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇندىن باشقا، سامسۇڭنىڭ Galaxy J تۈرىدىكى يانفونلىرى جۇڭگو ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ بۇ يىللىق سېتىلىش مىقدارى 316 مىليونغا يېتىپ، 2015-يىلىدىكى سەۋىيە بىلەن تەڭلىشىدىكەن.

ئۇندىن باشقا، خۇاۋېي بۇ يىل 1-پەسىلدە جەمئىي 27 مىليون دانە  ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىپ چىقارغان، ئالدىنقى بىر پەسىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خۇاۋېي يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %20 تۆۋەنلەپ كەتكەن، شۇنداقتىمۇ، خۇاۋېي جۇڭگو بويىچە 1-، دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ماركىسىغا ئايلانغان.

لىيەنشىياڭ بۇ يىل 1-پەسىلدە جەمئىي 17 مىليون دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىپ چىقارغان، سېتىلىش مىقدارى ئالدىنقى بىر پەسىلدىكىدىن %5.6 تۆۋەنلىگەن. لىيەنشىياڭ بۇ يىل ئاساسلىق نىشانىنى چەتئەل بازىرىغا قاراتقان بولۇپ، يانفون ئىكىسپورت مىقدارىنى %80 ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

شىياۋمى بۇ يىل 1-پەسىلدە جەمئىي 16 مىليونغا يىقىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون سېتىپ چىقارغان، يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا ئاساسلانغاندا، لىيەنشىياڭ بىلەن شىياۋمى جۇڭگودىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىدا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان يانفون ماركىسى بولۇش ئورنىنى تالىشىدىكەن.




ئالدىنقى مەزمۇن: ئامېرىكىلىقلارنىڭ سىملىق توردىن ۋاز كېچىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى
كېيىنكى مەزمۇن: HTC Vive مەۋھۇم رېئاللىق قالپىقى ئىشلىتىش تۇنجى تەسىراتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号