ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ ئىلگىرىكى شۆھرىتى ۋە كېيىنكى نۇسرىتى
2016-01-10 21:12:35   مەنبە:   كۆرۈلىشى:



شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ ئىلگىرىكى شۆھرىتى ۋە كېيىنكى نۇسرىتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت

2016.01.08 13:46         مەنبە: خەلق تورى




 كىنو سەنئىتى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت تارىخىدىكى ئىجتىمائىي قىممىتى يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان بۈيۈك ئابىدىسى، شۇنداقلا ئۇلۇغ كەشپىياتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ رېئال تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى ئەينەن ئەكسى ئەتتۈرۈش ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ، ئۆتمۈشنى، بۈگۈننى ۋە كەلگۈسىنى جانلىق، ئوبرازلىق ۋە ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، زامانىۋى مەدەنىيەت ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكىنىڭ ئەمگەك مېۋىسى ھېسابلانغان كىنو سەنئىتى - ھەر قايسى ئەل كىشىلىرى ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، بىر مىللەت، بىر رايوننىڭ، ھەتتا بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ تەرەققىي قىلغان - قىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەيداىغان، ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى. 

 كىنو 1895-يىلى فرانسىيەدە بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 120 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئاۋازسىز ھالەتتىن ئاۋازلىق ھالەتكىچە، رەڭسىز كۆرۈنۈشتىن رەڭلىك كۆرۈنۈشكىچە، ھۆججەتلىك ژانىردىن فانتازىيەلىك فىلىمگىچە بولغان جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا يېڭىچە ئېستېتىك زوق بېغىشلىدى. شىنجاڭ كىنوچىلىقىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. 

 2015-يىلى 19-دېكابىر، شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى تۆھپىكارلار، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى تەتقىقاتچى ئەربابلار، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى كىنو-تېلېۋىزىيە ئاكتىيورلۇق كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ زالىغا يىغىلىپ، شىنجاڭ كىنوچىلىقى ھەققىدە كەڭ-كۇشادە مۇھاكىمە ئۆتكۈزدى.   

يەتمەكچى بولغان مۇددىئا بىرلا  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىقى نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭلىقلار ئۆزى ئىشلىگەن كىنوسىنى ئۆزىلا كۆرىدىغان سەۋىيەدىن ھالقىپ، مەملىكەت، ھەتتا خەلقئارا سەھنىلەرگە يۈزلەندى. ھازىر شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى. شىنجاڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جەزبىدار مەدەنىيىتى، مول تارىخىي ئىزنالىرى، گۈزەل، ئۆزگىچە مەنزىرىلىرى بار، ھەر قانداق فىلىمنى روياپقا چىقىرىشقا ماس كېلىدىغان تەجرىبە ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە رايون. ئەڭ مۇھىمى شىنجاڭدا كۆپ مىللەتلىك قوشۇن بار، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىۋى كۆرۈنۈشلەردە ياخشى رول ئالالايدۇ. 50-يىللاردىن باشلاپ كىنوچىلىق ساھەسىدە تەربىيىلەنگەنلەر ھازىر تەرەققىي قىلىپ، ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلاردىن تەشكىللەنگەن ئىجادىيەت قوشۇنى بولۇپ تەشكىللەندى. شۇڭا بىز ئەۋزەللىكلىرىمىزدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭدا نادىر كىنولارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش، شىنجاڭ كىنولىرىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈش ئارقىلىق يۇرتىمىزنى، خەلقىمىزنى تونۇتۇش، كىنولىرىمىز ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىشىمىز كېرەك».  

شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى  

شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى كىنو-تىياتىر فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور زەمىرە مىجىت مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىز كىنوچىلىقى 1905-يىلى ئىشلەنگەن تۇنجى كىنو<دىڭ جۈنشەن> دىن ھازىرغىچە ئالتە ئەۋلاد رېژىسسورنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن تېما، تۈر، بايان شەكلى، مۇنتاژ قاتارلىق جەھەتلەردە شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. شىنجاڭغا كىنو 1930-يىللاردىن كېيىن كىرگەن بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى تېما قىلىنغان تۇنجى كىنو 1955-يىلى ئىشلەنگەندىن بۇيانقى يېرىم ئەسىر مابەينىدە جەمئىي 70 كە يېقىن كىنو ئىشلەندى».  

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى تېما قىلىنغان كىنولار يوقلۇقتىن بارلىققا، ئاز بولۇشتىن كۆپ بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى، «تەڭرىتاغ كىنو ئىسىتودىيەسى» ئىزچىل كىنو ئىشلەشتىكى ئاساسىي مەركەز ئىدى، ھازىر خۇسۇسىي شىركەتلەرمۇ مەبلەغ سېلىپ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈدى. 60 يىللىق مۇساپىگە نەزەر سالساق، ۋاڭ يۈخۇ، لى خۇن، تۇرسۇن يۇنۇس، جاڭ بىڭ قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر سېنارىستلار، جىن لىنى، دوڭ لىڭ، گاۋفېڭ، گۇاڭ چۈنلەن، شېرزات ياقۇپ قاتارلىق مۇنەۋۋەر رېژىسسورلار شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى تېما قىلىنغان كىنولارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. كىنودىن باشقا، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىنمۇ 80-يىللاردا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «كۆك مارجان»، «باغ»، «تاش ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل» قاتارلىق بىر تۈركۈم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلىگەن بولسا، 90-يىللاردا خۇسۇسىيلار بىلەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى فىلىم ئىشلەش ئورۇنلىرى ھەمكارلىشىپ «قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى»، «قىرلىق ئىستاكان»، «ئەڭ ئاخىرقى كۆل»، «ئاي گۇۋاھ» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. مۇختەبەر مەخسۇت، ھۆرىيەت ئىسمايىلوۋا، شېرزات ياقۇپ، ئابدۇكېرىم ئابلىز، دىلمۇرات مەمەت، ئۆمەر قادىر، تاھىر ھامۇت، قاھار نىيار قاتارلىق بىر تۈركۈم سېنارىست، رېژىسسورلار تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىجادىيىتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، كىنونىڭ ئورنىنى تېلېۋىزور ئىگەللەۋاتقان شارائىتتىكى يېڭى بىر شەكىل-تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەرەققىيات ئۇلىنى مۇستەھكەملىدى. 2000-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، قىسقا، رېتىمى تېز، ۋەقەلىكى نىسبەتەن ئاددى، يۇمۇرستىك ئۆي ئىچى تىياتىرلىرى كۆرەرمەنلەرنىڭ قوبۇل قىلىش پسخېكىسىغا ماسلاشقان ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، 2010-يىلىدىن باشلاپ مىكرو كىنو ئىجادىيىتى قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. تولۇق بولمىغان ئسىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەن مىكرو كىنولار 200 گە يېتىدىكەن.  

ئاپتونوم رايونلۇق كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى سەي خانىم مۇنداق دېدى: «1959-يىلى قۇرۇلغان <تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى> دەسلەپتە ئاددى بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بىر قىسىم ياخشى كىنولارنى ئىشلىگەن. ئەپسۇس 1963-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە <تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى> تاقىلىپ، كىنوچىلىقتا چوڭ چېكىنىش بولدى. 1987-يىلىدىن كېيىن يەنە سەر خىل قوشۇنلارنىڭ تەربىيەلىنىپ چىقىشى بىلەن شىنجاڭ كىنوچىلىقى يەنە تەرەققىياتقا يۈزلەندى. 1990-يىلىغىچە <غېرىپ-سەنەم>، <يول باشلىغۇچى>، <رەنانىڭ تويى>، <ئارتىس بولالمىغان قىز>، <ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى> قاتارلىق كىنولار ئىشلەندى».  

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنو سەنئىتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلدى. شىرزات ياقۇپ قاتارلىق رېژىسسورلار يېتىشىپ چىقىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلدى. «مۇھەممەتنىڭ 2008-يىلى»، «گۈزەل ماكان»، «گۈلبىكە»، «ئۈرۈمچى ئاسمىنى»، «چىن مۇھەببەت»، «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» قاتارلىق كىنولار مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا مۇكاپاتلاندى. «چىن مۇھەببەت» فىلىمى مەملىكىتىمىزدىلا ئەمەس، ھېندىستان، رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فېستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، خەلقئارادا ياخشى باھاغا ئېرىشتى. «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» فىلىمى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن تۇنجى بازارلىق فىلىم بولۇپ، بۇ يىل فرانسىيەدە، ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فېستىۋاللىرىغا قاتناشتۇرۇلۇپ، ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى كىنو-ئېكران سەنئىتى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مېي مۇنداق دېدى: «1955-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىقى دەسلەپكى گۈللىنىش باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ مەزگىلدە ئىچكى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كىنوچىلىق ساھەسىدىكى خادىملار بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە فىلىملىرىنى ئىشلەش دولقۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، <مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان>، <خالىن بىلەن جەمىلە>، <قۇملۇقتىكى جەڭ>، <ئانارخان>، <يايلاق بۈركۈتى> قاتارلىق چېگرا رايوننىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن كىنولار ئىشلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە تارىخىي ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى».  كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئەپسۇزلىنىشلار 

 «تەڭرىتاغ كىنو ئىسىتودىيەسى» نىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى شېرزات ياقۇپ مۇنداق دېدى: «تېلېۋىزوردا قويۇلىدىغان كىنولار رەقەملىك كىنو بولۇپ، بۇنداق كىنولار تېلىۋىزىيەنىڭ ئۆلچىمىدە ئىشلىنىدۇ. رەقەملىك كىنونى كىنو بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. سۈرەتكە ئېلىش، رەڭ ئىشلىتىش، سىۋىت ۋە ئىشلىتىدىغان ئاپپاراتىمۇ ئوخشاشمايدۇ. رەقەملىك كىنولارنى ئىشلىسەك پەقەت ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايمىز. گەرچە بۇ كىنولار كىنوخانىدا قويۇلسىمۇ، ئۆلچەملىك ئەمەس. ئىشلەش تېخنىكىسى، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ. شۇڭا بىز كىنونىڭ ئۆلچىمى بويىچە مۇشۇ شەرت بىلەن ئىشلىيەلىسەكلا خەلقئارا بىلەن بەسلىشەلەيمىز. بىز ئادەتتە ۋەقەلىكى مۇرەككەپ، ئېچىنىشلىق ياكى بىۋاسىتە ئىپادىلەنگەن كىنولارنى <ياخشىكەن> دەپ كۆنۈپ قالغان. بۇ خىل قاراش خەلقئارا كىنوچىلىق ئېقىمى ياكى فېستىۋاللىرىدا ئاللىبۇرۇن مودىدىن قالدى. كىنو تۇرمۇشتىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئەكس ئېتىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مىللىتىمىزدىكى نەرسىلەرنى ساپ ئىپادىلىسەك خەلق ياقتۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ تۈردىكى كىنولار چەتئەلدە قويۇلغاندا كىنودىكى تىپ، مەنزىرە، ئارتىسلار يېڭى تۇيۇلسىمۇ، بىراق چوڭ مۇسابىقىلەردە، كىنو مۇھاكىمە يىغىنلىرىدىكى كىنولارنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا كىرىشى ناھايىتى تەس. بەدىيلىكى يۇقىرى بەزى فىلىملەرنى ئىشلەشكە مەبلەغ ئاز كېتىدۇ، ئۇنداق فىلىملەردە شەخسنىڭ ھاياتى، جەمئىيەت ئەھۋالى تەسۋىرلىنىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، بۇ خىل ژانېردىكى كىنولار فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيەلەردە ئوبدان كىنو دەپ قارىلىدۇ. بازارلىق فىلىم كۆپ مەبلەغ، يۇقىرى تېخنىكىغا تايىنىپ ئىشلەنگەن فىلىمنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يالغۇز رېژىسسور ۋە ئاكتىيورلارلارغىلا باغلىق ئەمەس، بەلكى ئىقتىساد، تېخنىكا جەھەتتىكىمۇ باغلىنىشلىق. ياخشى بىر كىنونىڭ يارىتىدىغان ئىقتىسادىي قىممىتىنى كارخانىچىلىرىمىز تېخى تولۇق چۈشۈنۈپ يېتەلمىدى. شۇڭا بىزدە بىكىنمىچىلىك، قاتماللىق ئىدىيىسى ئېغىر، ھەمكارلىشىش روھى تۆۋەن بولىۋاتىدۇ. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، كورىيە، تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق شۇ دۆلەت تاۋارلىرىنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كورىيە، تۈركىيە ئېقىمىنى شىنجاڭدا مودا قىلدۇق. لېكىن ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى كىنولار ئارقىلىق نامايان قىلىپ، بازار تېپىشنى ئويلىيالايدىغان، مەدەنىيەت بازىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان سودىگەرلىرىمىز يوق دېيەرلىك. شۇ ۋەجىدىن مەبلەغ قىيىنچىلىقى ئېغىر. كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى يېتەرلىك ئەمەس».  

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنڭ رېژىسسورى مەھمۇدجان سىدىق مۇنداق دېدى: «بەزى دۆلەتلەردە كىنونىڭ تەرەققىياتى ۋە ياراتقان ئىقتىسادىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، شۇ دۆلەتنىڭ ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم تاۋار-مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. 1992-يىلى ئامېرىكىدا 250 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ ئىشلەنگەن ھېكايە فىلىم <تىتانىك ناملىق پاراخۇت> بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، 2 مىليارد 185 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقان بولسا، تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلىنىپ، 2009-يىلى بازارغا سېلىنغان ئامېرىكا ھېكايە فىلىمى <ئاۋاتار> 2 مىليارد 782 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتى. مانا بۇ كىنودىن ئىبارەت مەدەنىيەت مەھسۇلاتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىدا، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدە ئوينىغان رولى ۋە مۇھىم سېھرىي كۈچى ھېسابلىنىدۇ».  

ئاپتونوم رايونىمىزدا كىنوچىلىقنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر جاپالىق ۋە تەكشىسىز بولۇپ، تېخى ئىزدىنىش، ئۆگىنىش، ھېلىھەم تەرەققىياتقا ئىنتىلىش باسقۇچىدا دېيىشكە بولىدۇ. شىنجاڭ سەنئىتى ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى يازغۇچى قاھار نىياز مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ كىنوچىلىق ساھەسىدە ئاز-تولا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا سەھنىلەردە نامايان بولغان بولساقمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ ھەم ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ كىنوچىلىق سەۋىيىسىگە سېلىشتۇرغاندا، كىنوچىلىقىمىز يەنىلا ئارقىدا. بىز كىنونىڭ مۇھىملىقىنى ئەمدى تونۇش، دىققەت قىلىش باسقۇچىغا كېلىۋاتىمىز. بىزدە زور قوشۇن بار، لېكىن بۇ قوشۇننىڭ كۆپىنچىسى ئاكتىيورلۇق قوشۇنى، بىز ئىجادىيەت قوشۇنىغا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلەلمىدۇق. ھەر مىللەت مەدەنىيىتى، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشكەن، پارتىيە، ھۆكۈمەت ناھايىتى ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقان شىنجاڭدەك كىنو ئىشلەشكە ئىنتايىن ماس كېلىدىغان كەڭرى زېمىندا كىنونىڭ بىرىنچى ھالقىسى بولغان سېنارىيە يازېشتىكى كەسىپلەشكەن، ئىزچىللاشقان سىنارېستلار يوق». كېيىنكى نۇسرەت ئۈچۈن  

باشقا مىللەتلەر چۈشۈنەلەيدىغان، قوبۇل قىلالايدىغان، جۇڭگونىڭ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا، كىشىلەرنىڭ سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش ئادىتىگە ماس كېلىدىغان ھەم شىنجاڭنىڭ خاسلىقى بار، ھەم چەتئەللەر ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەر تولۇق قوبۇل قىلالايدىغان قىممەت قارىشىنى يارىتىپ، شۇ بويىچە ئىجادىيەتكە كۈچىشىمىز مۇھىم. ئىجادىيەت ياخشى بولمىسا، كىنودا قايسى بىر داڭلىق چولپاننىڭ رول ئېلىشى ھەم قانچىلىك مەبلەغ سېلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، كىنونىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بولمايدۇ. ياخشى ئىجادىيەت بولسىلا ياخشى ھېكايە ئارقىلىق، داغدۇغىلىق كۆرۈنۈشلەر بولمىسىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياخشى كىنولارنى ئىشلەپ چىقىشقا ئىمكانىيەت بار». قاھار نىياز مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى كىنوچىلىق كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك دەرىسلىكلەرنى تۈزۈشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشى، ياشلارنى ئىجادىيەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مىكرو فىلىملارنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ، تېلېۋىزوردا <مىكرو فىلىم> پىروگراممىلىرىنى يولغا قويۇپ، كېيىنكى چوڭ كىنو فىلىم ئىجادىيىتىنىڭ مۇھىم ئاساسىنى تىكلىگەندىلا، ياخشى كىنولارنىڭ ئىجادىيەتچىلىرىنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ».  

شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىقى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت ئىز باسار تەربىيەلەش. يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىر قىسىم ياراملىق ئاكتىيورلار، رېژسسورلار تەربىيەلەپ چىقىلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى كىنو-تېلېۋىزىيە فاكۇلتېتىنىڭ سېكىرتارى، فولىكنۇرشۇناس تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ كىنوچىلىقى ئۈچۈن قەلەم تۇتۇپ سېنارىيە يازالايدىغان، فىلىم ئىشلەشنى بىلىدىغان، كىنو سەنئىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارالايدىغان، مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدىغان ياراملىق ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، 2012-يىلى كىنو-تېلېۋىزىيە فاكۇلتېتىنى قۇردۇق. شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر يىغىلغان ئالىي بىلىم يۇرتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈجۈپىلەپ تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە، كەلگۈسىدە شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشالايدىغان ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىشىمىزغا ئىشىنىمىز».  

دۇنيادا ئادەم تاپقان پۇلى بىلەن ئەمەس، ئۇنى قانداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا ئىشلەتكەنلىكى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ. شىنجاڭ «دولان» ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى دولقۇن ياسىن مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز ئۇزاقتىن بۇيان مەدەنىيەت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ياخشى ئىشلەنگەن بىر فىلىم ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قىلىپ خەلقىمىزنى، مىللىتىمىزنى، جۈملىدىن يۇرتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىكەن. شۇڭا كارخانىچىلىرىمىز يېقىن كەلگۈسىدە مەدەنىيەتكە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئۈنۈمىنى چۈشىنىپ يېتىپ بۇ قوشۇن كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ زورىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».  

كىنو ساھەسىدىكىلەر ئىدىيەدە ئازات بولۇپ، يوشۇرۇن كۈچنى دادىللىق بىلەن قېزىپ، ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رايون ئالاھىدىلىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، كۆپ مىللەت، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلىتىش زۆرۈر.  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز  

مەنبە: خەلق تورى


http://uyghur.people.com.cn/156325/15561445.html



ئالدىنقى مەزمۇن: شياڭگاڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا تونۇش چولپىنى ـــ ۋەن زىلياڭ
كېيىنكى مەزمۇن: تاماشا چەمبىرىكىدىكى «كۆرۈمسىز ئانا»

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号